دائېشقا قارشى كۈرەش داۋاملاشماقتا

سۈرىيە ۋە ئىراقتا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى كۈرەش داۋاملاشماقتا.

508876
دائېشقا قارشى كۈرەش داۋاملاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مەركىزى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىتتىپاقداش كۈچلىرى «دۈشمەنگە ئەجەللىك زەربە بېرىش» پىلانى دائىرىسىدە سۈرىيە ۋە ئىراقتا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش نىشانلىرىنى ئۇدا 19 قېتىم بومباردىمان قىلغان، سۈرىيەنىڭ مۇنبىچ رايونىدا دائېشقا ئائىت 8  نىشاننى پاچاقلاپ تاشلىغان، سۈرىيە دېموكراتىك كۈچلىرى مۇنبىچتىن تۈركىيەدە بارىدىغان يولنى تاقىغان.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ دائېشقا قارشى كۈرەش  قىلغۇچى ئىتتىپاقداش كۈچلىرىگە مەسئۇل ئالاھىدە ۋەكىلى برېت مېگېك دائېشنىڭ قاچىدىغان يېرى قالمىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئىگىلىنىشىچە، ئىراقتا ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمى ئاستىدا دۆلەتتىكى دائېش نىشانلىرى ئۇدا 10 قېتىم بومباردىمان قىلىنغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر