ختاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان رامىزان چەكلىمىلىرى ھىندىستان خەلقىنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى

ھىندىستان مۇسۇلمانلىرى 9 – ئىيۇن سەيشەنبە كۈنى شەھەرنىڭ ئەڭ چوڭ مەيدانىغا توپلىشىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى بېسىم سىياسىتىگە قارشى لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈشۈپ، شوئارلانى توۋلاشتى ۋە خىتاينىڭ رامىزاندىكى چەكلىمىلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

508355
ختاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان رامىزان چەكلىمىلىرى ھىندىستان خەلقىنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندىستاننىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان ئۇتتار پرادېش ئۆلكىسىنىڭ پايتەختى لاكنوۋ شەھىرىدە بىر يەرگە جەم بولغان ھىندىستان مۇسۇلمانلىرى خىتاينىڭ رامىزان ئېيىدا ئۇيغۇرلارغا قاراتقان چەكلىمىلىرىگە قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزدى.

ھىندىستان مۇسۇلمانلىرى 9 – ئىيۇن سەيشەنبە كۈنى شەھەرنىڭ ئەڭ چوڭ مەيدانىغا توپلىشىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى بېسىم سىياسىتىگە قارشى لوزىنكىلارنى كۆتۈرۈشۈپ، شوئارلانى توۋلاشتى ۋە خىتاينىڭ رامىزاندىكى چەكلىمىلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

«Reuters – india» تەرىپىدىن تەييارلانغان نامايىش ھەققىدىكى قىسقا فىلىمدا، ھىندىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ  رەسىمىنى دەسسەپ، يەردە سۆرەپ، ئاندىن كۆيدۈرۈش ئارقىلىق نارازىلىقىنى بىلدۈرىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلدى.

ھىندىستان «سودا ئۆلچىمى» تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نامايىشچىلاردىن بىرى: «ئەگەر خىتاي بىر – ئىككى كۈن ئىچىدە ئۇيغۇرلارغا قاراتقان چەكلىمىلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرمايدىغان بولسا، خىتايدىن ئېمپورت قىلىنغان بارلىق مەھسۇلاتلارنى كۆيدۈرۈپ تاشلايمىز. ئىشىنىمەنكى، ھىندىستان سودىگەرلىرىمۇ ۋە بارلىق ۋىجدان ئىگىسى ھىندىستان خەلقىمۇ بىزنى قوللايدۇ، ھېچقانداق خىتاي مەھسۇلاتى ساتمايدۇ » دېگەن.

نامايىشچىلار خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ رەسىمىنى ۋە قونچاق ھەيكىلىنى كۆيدۈرگەن ھەمدە خىتاينىڭ چەكلىمىلىرىگە قارشى شوئارلارنى توۋلىغان.

نامايىشچىلاردىن يەنە بىرى، «خىتاينىڭ رامىزاننى چەكلەش قارارى دۇنيادىكى پۈتكۈل مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان كۆكەمىلىكتۇر، خىتاي بۇنى دەرھال ئەمەلدىن قالدۇرۇشى كېرەك» دېگەن.

ھىندىستاندىكى « NMF News» تورىمۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا روزا تۇتۇشقا قارشى ھەر خىل چەكلىمىلەرنى يولغا قويۇۋاتقانلىقىنى تونۇشتۇرۇپ بىر قىسقا فىلىم تارقاتقان.»

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر