مۇسۇلمانلارنىڭ ئۈمىدى ۋە قەھرىمانى بوكس شاھى مۇھەممەد ئەلىگە ۋېدا!

مۇسۇلمانلارنىڭ ئۈمىدى ۋە قەھرىمانى ئامېرىكىلىق بوكس شاھى مۇھەممەد ئەلى بىلەن ۋېدالىشىمىز.

504476
مۇسۇلمانلارنىڭ ئۈمىدى ۋە قەھرىمانى بوكس شاھى مۇھەممەد ئەلىگە ۋېدا!

ئېزىلگەن ئىسلام دۇنياسى، ئۇنىڭ مۇسۇلمان بولۇشى بىلەن بىرلىكتە بىر ئاز بولسىمۇ تەسەللىي تاپتى. دۇنيا ئۇنى ئالقىشلىغانسېرى، دۇنيانى ئۇنى تونىغانسېرى، دۇنياغا ئۇنىڭغا ھەيران قالغانسېرى، بىزمۇ ئاز بولسىمۇ خوشال بولۇپ تەسەللىي تاپتۇق.

مۇسۇلمانلار ئۇنىڭ مۇشتلىرى بىلەن  گويا ئەسىرلەرچە داۋملىشىۋاتقان مەغلۇبىيەتلەرنىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىۋاتاتتى. شۇڭلاشقا، تاڭ ئاتقۇچە كىرپىك قاقماي ئۇنىڭ مۇسابىقى كۈنىنى تۆت كۆز بىلەن كۈتەتتى ۋە دۇئا قىلاتتى.

ئەسلىدە مۇسابىقىلىشىۋاتقان مۇھەممەد ئەلى ئەمەس ئىدى. بەلكى ئىسلام دۇنياسىنىڭ پۈتكۈل غېرىپ-غۇرۋالىرى، مەزلۇملار، يېتىملار، ئاجىزلار ۋە سايىدا قالغانلار ئىدى.

مۇسابىقە مەيدانىغا چىققان، چىراقلارنىڭ ئاستىدا يورىغان، كۈچلۈك بەدىندە ھاياتلىققا ئېرىشكەن نەرسە مۇھەممەدنىڭ روھى ئىدى.

غەلىبەگە، يېڭىشقا ۋە نۇسرەتكە ئېرىشىشكە قاغىجراپ كەتكەن چوڭ بىر ئۈممەتنىڭ كۈرىشى ئىدى ئۇ مۇسابقىلەر... مىليونلارچە مۇسۇلمان مۇشۇنداق ئويلايتتى. بۇ سەۋەبتىن مۇشتلارنى ئېتىۋاتقان يالغۇز مۇھەممەد ئەلى ئەمەس ئىدى. بۇ ۋەجىدىن كېپىنەككە ئوخشاش ئۇچىۋاتقان پەقەت مۇھەممەد ئەلى ئەمەس ئىدى. بۇ تۈپەيلى ھەرىگە ئوخشاش سوقىۋاتقان نوقۇل مۇھەممەد ئەلى ئەمەس ئىدى.

دۇنيادىكى پۈتكۈل مۇسۇلمانلار ئۇنىڭ مۇسابىقىسىنى كۆرۈۋاتقاندا گويا مۇھەممەد ئەلىگە ئوخشاش ئۇچاتتى، ئۇسۇل ئويناتتى ۋە ئۇراتتى.

مۇھەممەد ئەلى رەقىبىگە ئۇرۇۋاتقان ھەر بىر پەيتتە، ئۇنى كۆرۈۋاتقان مۇسۇلمانلارمۇ جاھانگىرلارغا، مۇستەملىكچىلەرگە ، ئىشغالىيەتچىلەرگە ۋە خائىنلارغا مۇشت ئېتىۋاتاتتى. مۇھەممەد ئەلى رەقىبىنى يەرگە ياتقۇزغاندا ئۇنى كۆرۈۋاتقان مۇسۇلمانلارمۇ ئەسىرلەردىن بۇيان زېمىنلىرىنى،مەملىكەتلىرىنى، قېرىنداشلىرىنى ئېزىۋاتقان ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغانلىقىنى ئويلاتتى.

مۇھەممەد ئەلى زەپەر مۇشتىنى ھاۋاغا پولاڭلاتقاندا، ھەممىمىز يەنى پۈتكۈل غېرىپ-غۇرۋالار، پۈتكۈل ئېزىلگۈچىلەر، پۈتكۈل يېتىملارمۇ كۆز ياشلىرى بىلەن زەپە قۇچقاندەك ھېس قىلاتتى.

مۇھەممەد ئەلى بىزنىڭ قەھرىمانمىز، بىزنىڭ غەلبىمىز، بىزنىڭ ئىنتىقام ئالغۇچىمىز، مۇسۇلمانلارنىڭ مۇشتلىرى ۋە بىزگە نىسبەتەن ئىسلامنىڭ غەلبىسى ئىدى.

قۇللارنىڭ، قۇللاشتۇرۇلغان غېرىپ-غۇرۋالارنىڭ، قارا تەنلىكلەرنىڭ،  ئىندىئانلارنىڭ غەزەپ-نەپرىتى مۇھەممەد ئەلىنىڭ مۇشتى بىلەن  قۇل سودىگەرلىرىنىڭ يۈزىلىرىدە ئەكس ئېتەتتى.

مۇھەممەد ئەلى ئافرىقىلىق ئەجداتلىرىنىڭ، بەختسىز ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ۋە قۇل دادىلىرىنىڭ زەنجىرلىرىنى مۇسابىقە مەيدانلىرىدا ئۈزۈپ تاشلىدى.

ئۇنىڭ ھەر بىر غەلبىسى قۇللۇقنىڭ بىر ھالقىسىنى بۇزۇپ تاشلىدى، گويا ھەر بىر مۇشتى ئافرىقىدا ئېزىلگەن ۋە قەتلى قىلىنغان غېرىپ-غۇرۋالارنىڭ ئىنتىقامىنى ئالدى.

ئافرىقا مۇسۇلمانلاردەكلا ئۇنى سۆيدى، ئۇنىڭغا ھەيران بولدى، ئۇنىڭغا دۇئا قىلدى. ئافرىقا پۈتكۈل ئازاب-ئوقۇبەتلىك تارىخىنىڭ، تەلەيسىز تارىخىنىڭ ھامان بىر كۈنى ئۇنىڭ قولى، ئۇنىڭ مۇشتى بىلەن ئۆزگىرىدىغانلىقىغا ئىشەندى.

قۇرۇپ كەتكەن ئافرىقا زېمىنلىرىدا تۇغۇلغان بوۋاقلار، ئۇنىڭغا ئوخشاش كۈچلۈك بولۇش ئۈچۈن تىرىشتى. ئۇنىڭغا ئوخشاش كۈرەش قىلىش ئۈچۈن يەڭلىرىنى تۈردى. ئۇنىڭغا ئوخشاش ئۆزىگە ئىشىنىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلدى.

ئۇ ئارىمىزدىن ۋاقىتسىز ئايرىلدى، مۇھەممەد ئەلى ئۇ دۇنياغا كۆچۈپ كېتىپ بىزگە ئەسلىمىلىرى، جەڭگىۋار روھى ۋە كۈچلۈك ئىرادىسىنى قالدۇرۇپ كەتتى، ئۇ بىزگە قەھرىمانلار ئاپىرىدە قىلىش ئۈچۈن ھېكايىلەر قالدۇرۇپ قويدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر