سۈرىيەدە 500 مىڭدىن ئارتۇق كىشى قۇرشاۋ ئاستىدا ياشىماقتا

فىرانسىيەنىڭ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە تۇرشلۇق دائىمىىي ۋەكىلى فىرانچوس دېلاترە يىغىندىن ئىلگىرى ئاخباراتچىلارغا بايانات ئېلان قىلىپ، سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ھېساب بېرىشنى قىلچە ئويلىشىپ يۈرمەستىن، ھازىرمۇ ئۆز خەلقىنى ئۆلتۈرۈشنى داۋاملاشتۇىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

503897
سۈرىيەدە 500 مىڭدىن ئارتۇق كىشى قۇرشاۋ ئاستىدا ياشىماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى سۈرىيەدە قورشاۋ ئاستىدا قالغان رايونلارغا ھاۋادىن ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بويۇملىرىنى يەتكۈزۈپ بېرىش ئۈچۈن ئەتە 5 – ئىيۇندا سۈرىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ئالاقىلىشىدىغان بولدى.

ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى سۈرىيەدە قورشاۋ ئاستىدا ياشاۋاتقان 500 مىڭدىن ئارتۇق كىشىگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بويۇملىرى يەتكۈزۈپ بېرىش مەسلىسىنى يېپىق ھالدا مۇزاكىرىلەشمەكتە.

ب د ت نىڭ ئىنسانپەرلىك خىزمەتلىرىگە مەسئۇل مۇئاۋىن باش كاتىپى سىتېپېن ئو بىرېن ۋە سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى سىتاففان دە مىستۇرا كېڭەش ئەزالىرىغا دوكلات بەردى.

ئو بىرېن قۇرۇغلۇقتىن ياردەم يەتكۈزۈش مۇمكىن بولمىغان بەزى رايونلارغا پاراشوت ئارقىلىق تاشلاپ بېرىش ئۈچۈن ئەتە سۈرىيە ھۆكۈمتىدىن رۇخسەت سورايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

دە مىستۇرامۇ قوللىغان بۇ تەكلىپنىڭ زادى قايسى رايونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى ئېلان قىلىنمىدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مارك تونېرمۇ كۈندىلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۈرىيەدىكى قورشاۋ ئاستىدا قالغان رايونلارغا  قۇرۇغلۇقتىن ياردەم يەتكۈزۈشنىڭ ئەڭ ياخشى يول ئىكەنلىكىنى ۋە بۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش  ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

فىرانسىيەنىڭ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە تۇرشلۇق دائىمىىي ۋەكىلى فىرانچوس دېلاترە يىغىندىن ئىلگىرى ئاخباراتچىلارغا بايانات ئېلان قىلىپ، سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ھېساب بېرىشنى قىلچە ئويلىشىپ يۈرمەستىن، ھازىرمۇ ئۆز خەلقىنى ئۆلتۈرۈشنى داۋاملاشتۇىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بەزى رايونلاردا ياردەم بويۇلىرىنىڭ كىرىشىگە رۇخسەت قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقى ئۈستىدىمۇ توختىلىپ، «بۇ بىر كۆز بويامچلىقتۇر» دېدى.

فىرانچوس دېلاترە بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، «سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بەزى رايونلارغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەرنىڭ ئەۋەتىلىشىگە يول قويىدىغاندەك كۆرۈنىدىغان ھېلىگەرلىكىگە ئالدانمايمىز. كېتىۋاتقان ياردەملەر ئارىسىدا بەزىدە يېمەك – ئىچمەككە، بەزىدە تىببىي ئەسلىھە ۋە دورىلارغا، يەنە بەزىدە ھېچ بىرىسىگە رۇخسەت قىلماي كەلمەكتە» دېدى.

 بۇ ئارىلىقتا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئېقىۋاتقان قاننى توختۇتۇش ۋە قىيىنچىلىقلارنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن رامىزان ئېيىدا پۈتۈن سۈرىيە مىقياسىدا ئۇرۇش توختۇتۇش كېرەكلىكى ھەققىدە چاقىرىق ئېلان قىلدى.

ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى باش كاتىپى ئەمىن مەدەنى ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، سۈرىيەدە قېيىن ئەھۋالدا قالغان رايونلارغا يادەملەرنىڭ يەتكۈزۈلىشى ئۈچۈن خەلقئارا ياردەم تەشكىلاتلىرىغا يول ئېچىلىشى كېرەكلىكى ھەققىدىمۇ چاقىرىق ئېلان قىلىدىغان بولدى.

ئەمىن مەدەنى «سۈرىيە كىرىزىسى ھەققىدە خەلقئارالىق ۋە رايون خاراكتېرلىك ئاكتىپ كۈچلەر بۇ چاقىرىقنى قوللاپ – قۇۋۋەتلىشى لازىم. بۇ كۈچلەر بارلىق ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى توختىتىشى ۋە كەلگۈسىدە دائىمىي ئۇرۇش توختىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن مۇھىت ھازىرلاش مەقسىتىدە ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى ئۈچۈن سۈرىيە ھۆكۈمىتى ۋە ئۇرۇش قىلىۋاتقان بارلىق تەرەپلەرگە بېسىم ئىشلىتىش لازىم» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر