ئامېرىكا ۋە فىرانسىيەدە سەل ئاپىتى يۈز بەردى

دەريالارنىڭ تېشىپ كېتىشى نەتىجىسىدە نۇرغۇن ساندا ئولتۇراق جايلار، ئېتىز ۋە ئۇلاغلار سۇ ئاستىدا قالدى.

502105
ئامېرىكا ۋە فىرانسىيەدە سەل ئاپىتى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىنىڭ تېكساس ئىشتاتىدا يېقىنقى 100 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر سەل ئاپىتى يۈز بېرىپ، 6 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

دەريالارنىڭ تېشىپ كېتىشى نەتىجىسىدە نۇرغۇن ساندا ئولتۇراق جايلار، ئېتىز ۋە ئۇلاغلار سۇ ئاستىدا قالدى.

رايوندا خەلقنى باشقا جايلارغا يۆتكەش خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا.

قۇتقۇزۇش ئەترىتى شىددەتلىك يامغۇر سەۋەبىدىن نۇرغۇن ساندا كىشىنى ئۆيلىرىدىن ۋە ئاپتوموبىللىرىدىن قۇتقۇزۇپ چىقىشقا مەجبۇر بولدى.

ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە يامغۇرنىڭ تېخىمۇ شىددەتلىك بولىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە. كېلىپ چىقىدىغان زىياننىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىنماقتا.

فىرانسىيەدىمۇ ئەھۋال پەرقلىق ئەمەس.

پايتەخت پارىژدا ھەپتىنىڭ دەسلەپكى كۈنلىرىدىن باشلانغان پەسىللىك يامغۇر سەۋەبىدىن سېن دەرياسى تېشىپ كەتتى.

دەريا بويىدىكى يوللار پۈتۈن كۈن بويىچە تاقىلىپ قالدى.

فىرانسىيە مېتېروئولوگىيە ئىدارىسى فىرانسىيەنىڭ 19 رايونىدا سېرىق سېگنال ئېلان قىلدى ھەمدە سۇ بېسىۋېلىش خەۋپىنىڭ داۋاملشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر