ئىسرائىلىيە تۈركىيە بىلەن يارىشىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بۇنيامىن نېتانياھۇ تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى نورمال ھالەتكە ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان سۆھبەتلەردە بىردەكلىك ھاسىل قىلىش ئېھتىمالىنىڭ يۇقىرىلىقىنى ئېيتتى.

500775
ئىسرائىلىيە تۈركىيە بىلەن يارىشىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھارېتىز گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، تۈنۈگۈن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مەجلىسىدىن بىر ھەيئەتنى قۇددۇستا قوبۇل قىلغان نېتانياھۇ، تۈركىيە بىلەن ئۆتكۈزۈلىۋاتقان سۆھبەتلەرنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلگەن، خەۋەردە ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرىنىڭ تۈركىيە-ئىسرائىلىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ 10 يىل بۇرۇنقى ھالىتىگە كېلىشىدىن ئۈمىدى يوقلىقىنى، بىراق ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ نورمالىشىشىنىڭ ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ رايوندىكى ئورتاق مەنپەئەتلىرىگە پايدىسى تېگىدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ھارېتىز گېزىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارنىڭ مەلۇماتىغا تايىنىپ تۇرۇپ بەرگەن خەۋىرىدە، تۈركىيە بىلەن ئىسرائىلىيە ھەيئەتلىرىنىڭ پات يېقىندا مەلۇم بىر ياۋروپا دۆلىتىدە سۆھبەت ئۆتكۈزىدىغانلىقلىرى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر