رۇسىيە تۈركىيە بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى خالايدۇ

رۇسىيە تۈركىيە بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە.

499329
رۇسىيە تۈركىيە بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى خالايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گىرېتسىيەنىڭ پايتەختى ئاتىنادا زىيارەتتە بولۇۋاتقان رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن گىرېتسىيە باش مىنىستىرى ئالېكسىس چىپراس بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشىدىن كېيىن بەرگەن باياناتىدا، رۇسىيە – تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە توختالدى.

تۈركىيەنىڭ ھاۋا تەۋەلىكىگە تاجاۋۇز قىلغاندىن كېيىن تۈركىيەنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى تەرىپىدىن ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىلگەن رۇس ئۇرۇش ئايروپىلانى توغرۇلۇق توختالغان پۇتىن تۈركىيە بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقلىرىنى، شۇڭا تۈركىيە دائىرىلىرى بىلەن داۋاملىق ئالاقە ئورنىتىۋاتقانلىقلىرىنى تەكىتلىدى، رۇسىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ مۇنتىزىم قوشۇنلار بىلەن ئۇرۇش قىلمىغانلىقىنى، تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا زەربە بېرىش ئۈچۈنلا ئۇرۇش قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى، رۇسىيەنىڭ تۈركىيە بىلەن ئۇرۇش قىلىش نىيىتى يوقلۇقىنى قەيت قىلدى، سۈرىيەنىڭ شىمالىدا تىنچلىق باسقۇچىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى، كىرىزىسنىڭ سىياسىي يوللار ئارقىلىق ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

پۇتىن قىرىمنىڭ رۇسىيە تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىش مەسىلىسىنىڭ ئاللىقاچان تاقالغانلىقىنى، شۇڭا بۇ ھەقتە ھېچكىم بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزمەيدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى، ئامېرىكىنىڭ ھاۋا مۇداپىئەسى سىستېمىسىنىڭ ياۋروپاغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنىڭ، رۇسىيە  -  ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرىگە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكىنىڭ رومنېيەگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ھاۋا مۇداپىئەسى سىستېمىسى شەكىللەندۈرۈۋاتقان تەھدىتكە چوقۇم ئىنكاس قايتۇرىمىىز.»

ئۇچرىشىشتىن كېيىن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن چىپراسمۇ رۇسىيە – گىرېتسىيە ئوتتۇرىسىدىكى دىيالوگنىڭ، موسكۋا – ياۋروپا مۇناسىۋەتلىرىدە يېڭى سەھىپە ئاچىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

چىپراس ئۇكرائىنا مەسىلىسى توغرۇلۇق توختالغاندا، رايوننىڭ مۇقىملىقى ۋە تىنچلىقىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى، شۇڭا تەرەپلەرنىڭ مىنىسك كېلىشىمىگە رىئايە قىلىشىنىڭ شەرت ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر