ياۋروپا ئىتتىپاقى بىنالى يىلدىرىمنى تەبرىكلىدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى، ھۆكۈمەت تەشكىللەش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇپ ئالغان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ يېڭى باشلىقى بىنالى يىلدىرىمنى مۇبارەكلەپ تېلېگرامما تارقاتتى.

495760
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىنالى يىلدىرىمنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى مۇناسىۋەت ۋە خەۋپسىزلىك سىياسەتلىرىگە مەسئۇل ئالىي ۋەكىلى فېدېرىكا مۇگېرىنى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ قوشنىدارچىلىق سىياسەتلىرى ۋە كېڭىيىش مۇزاكىرىلىرىگە مەسئۇل ئەزاسى يوھاننېس ھېس قوشما يازما تېلېگرامما ئېلان قىلىپ، بىنالى يىلدىرىمنى تەبرىكلىدى.

تېلېگراممىدا، «رايون ۋە خەلقئارا سەھنىدىكى ئورتاق قىيىنچىلىقلارغا قارشى بىرلىكتە خىزمەت قىلىشنى ۋە نويابىر ئېيىدىكى تۇنجى نۆۋەتلىك ياۋروپا ئىتتىپاقى – تۈركىيە يىغىنى بىلەن 18- مارتتىكى ياۋروپا ئىتتىپاقى – تۈركىيە كېلىشىمىدە ھاسىل قىلىنغان بىرلىككە ئاساسەن، شېرىكلىكىمىزنى ھەر جەھەتتىن ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى داۋاملاشتۇرۇشنى تۆت كۆز بىلەن كۈتمەكتىمىز» دېيىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر