مىسىرنىڭ غايىپ بولۇپ كەتكەن ئايروپىلانىدىن خەۋەر يوق

مىسىر خەلق ئاۋېئاتىسيە مىنىستىرلىقى ئايروپىلاننىڭ تېررورلۇق ھۇجۇمى سەۋەبىدىن چۈشۈپ كەتكەن بولۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ۋە تېخنىكىلىق مەسىلە سەۋەبىدىن چۈشۈپ كېتىش ئېھتىماللىقىنىڭ تۆۋەن ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى.

494264
مىسىرنىڭ غايىپ بولۇپ كەتكەن ئايروپىلانىدىن خەۋەر يوق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 19 – مايدا پارىژدىن قاھىرەگە كېتىۋېتىپ راداردىن غايىپ بولۇپ كەتكەن مىسىر ھاۋا يوللىرى شىركىتىگە تەۋە «A320» تىپلىق يولۇچى ئايروپىلانىنىڭ ئاقىۋىتى تېخىچە ئېنىقلانمىدى.

گىرېتسىيە ئاۋېئاتسىيە بىخەتەرلىكى ئىدارىسى باشلىقى ئاتاناسسىئوس بىنىس، كەرپە ئاراللىرى ئەتراپىدا بايقالغان پارچىلارنىڭ بىرەر ئايروپىلانغا تەۋە ئەمەسلىكىنى ئېلان قىلدى.

مىسىر خەلق ئاۋېئاتسىيە مىنىستىرلىقى ئايروپىلاننىڭ پارچىلىرىنىڭ كەرپە ئارالى ئەتراپىدىكى دېڭىزدا بايقالغانلىقىنى، پارچىلار ئارىسىدا بىخەتەرلىك چاپىنى ۋە پىلاستىك پارچىلار بارلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئايروپىلان 66 كىشى بىلەن بىرلىكتە غايىپ بولۇپ كەتكەن بولۇپ، ئىزدەپ تېپىش خىزمەتلىرى گىرېت ئارىلىنىڭ جەنۇبىي تەرىپىدە داۋاملىشىۋاتىدۇ.

رايوندىكى گىرېتسىيە دېڭىز ئارمىيەسى قايتۇرۇپ كېلىنگەن بولسىمۇ، ھەربىي تىرانسىپورت ئايروپىلانى دېڭىزنى تەكشۈرۈشنى داۋاملاشتۇرماقتا. ئىزدەش خىزمەتلىرىگە رايوندىكى ئەنگلىيە ۋە فىرانسىيەنىڭ ئايروپىلانلىرى بىلەن پاراخوتلىرىمۇ ئىشتىراك قىلماقتا.

گىرېتسىيەلىك مەسئۇللارنىڭ بەرگەن مەلۇماتلىرىغا كۆرە، مىسىرنىڭ يولۇچى ئايروپىلانى بىلەن ئەڭ ئاخىرىدا 19 – ماي سائەت 02:45 ئۆتكەندە ئۇچۇرلاشقان. ئايروپىلان مىسىر ھاۋا ساھەسىگە كىرىپ 10 ئىنگىلىز مىلى ئىلگىرىلىگەندىن كېيىن تېز سۈرئەت بىلەن تۆۋەنگە قاراپ شۇڭغۇشقا باشلىغان ۋە يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىپ، غايىپ بولۇپ كەتكەن.

مىسىر خەلق ئاۋېئاتىسيە مىنىستىرلىقى ئايروپىلاننىڭ تېررورلۇق ھۇجۇمى سەۋەبىدىن چۈشۈپ كەتكەن بولۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ۋە تېخنىكىلىق مەسىلە سەۋەبىدىن چۈشۈپ كېتىش ئېھتىماللىقىنىڭ تۆۋەن ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى.

رۇسىيەلىك مەسئۇللارمۇ تېررورلۇق ئېھتىمالىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

بۇ ئارىلىقتا تۈركىيە، ئاڭدېڭىزدا راداردىن غايىپ بولۇپ كەتكەن مىسىر ئايروپىلانى ھەققىدە مىسىر دۆلىتى ۋە خەلقىگە شۇنداقلا ئايروپىلاندىكى يولۇچىلارغا تەزىيە تېلەكلىرىنى يەتكۈزدى.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، «پارىژدىن قاھىرەگە كېتىۋېتىپ يوقۇلۇپ كەتكەن مىسىر ھاۋا يوللىرى شىركىتىگە تەۋە ئايروپىلاننىڭ شەرقىي ئاقدېڭىزغا چۈشۈپ كەتكەنلىكى ۋە يولۇچىلار بىلەن ئايروپىلان خادىملىرىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىدىن قاتتىق ئازابلىنىش ئىچىدە خەۋەر تاپتۇق» دېيىلدى. 

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېررىيمۇ بىريۇسسېلدىكى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىلىشىدا چاقىرغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، راداردىن غايىپ بولۇپ كەتكەن مىسىر يولۇچى ئايروپىلانى ئۈچۈن ئىزدەپ قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىگە ياردەم قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

جون كېرررىي مىسىر قاتارلىق ئايروپىلاندا پۇقرالىرى بولغان بارلىق دۆلەتلەرگە تەزىيە بىلدۈرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئاقساراي باياناتچىسى جوش ئېرنېستمۇ كۈندىلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، «مىسىر يولۇچى ئايروپىلانىنىڭ پارىژدىن قاھىرەگە كېتىۋىتىپ، ئاقدېڭىزغا نېمە سەۋەپتىن چۈشۈپ كەتكەنلىكىگە بىر نەرسە دېيىش ھازىرچە بالدۇرلۇق قىلىدۇ» دېدى.

جوش ئېرنېست ئوتتۇرا شەرقتىكى زوراۋان گۇرۇپپىلارنىڭ خەلقئارا ئاۋېئاتسىيە لىنىيەسىنى نىشان قىلغان  ھۇجۇملارنى قىلىشقا قىزىقىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، «ئۇچۇقىنى ئېيتقاندا بۇ خەتەرمۇ بار» دېدى.  

ئايروپىلاندا 3 كىچىك بالىنى ئاز ئىچىگە ئالغان 56 يولوچى ۋە 7 نەپەر ئۇچۇشقا مەسئۇل خادىم بىلەن قوشقاندا 10 نەپەر  ئايروپىلان خادىمى بارلىقى، بۇلاردىن 30 كىشىنىڭ مىسرلىق، 15 كىشىنىڭ فىرانسىيەلىك، 2 كىشنىڭ ئىراقلىق، قالغانلىرى بولسا، ئەنگلىيە، بېلگىيە، كۇۋەيت، سەئۇدى ئەرەبىستان، چاد، پورتۇگالىيە، ئالجىرىيە ۋە كانادا پۇقرالىرى ئىكەنلىكى ئېلان قىلىنغان ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر