سۈرىيە ئارمىيەسىنىڭ بومباردىمانلىرىدا 7 پۇقرا ئۆلدى

بەششار ئەسەد كۈچلىرىنىڭ ھاۋا ھۇجۇملىرىدا كەم دېگەندە 7 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى.

489067
سۈرىيە ئارمىيەسىنىڭ بومباردىمانلىرىدا 7 پۇقرا ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  لوندون مەركەزلىك كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سۈرىيە ئارمىيەسىنىڭ دىر ئەززۇر رايونىدىكى بىر سەھىيە پونكىتى ۋە باشقا ساھەلەرگە قىلغان ھاۋا ھۇجۇملىرىدا 7 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلغان، نارىسىدە بالىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ ساندا كىشى يارىلانغان بولۇپ، يارىدالار سانىنىڭ تېخىمۇ كۆپ  بولۇش ئېھتىماللىقى بار ئىكەن.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، دىر ئەززۇر رايونىنىڭ كۆپ  قىسمى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ قولىدا بولۇپ، 2011 – يىلى ئىچكى ئۇرۇش  پارتلىغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 270 مىڭغا، كۆچۈشكە مەجبۇر بولغانلارنىڭ سانى قانچە ئون مىليونغا يېتىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر