مېركېل تۈركىيەنىڭ شەرتلەرنى ئورۇندايدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل، تۈركىيەنىڭ ۋىزىنى ئەركىن قويۇۋېتىش مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك ھازىرغىچە ئورۇندالمىغان شەرتلەرنى ئورۇندايدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

484524
مېركېل تۈركىيەنىڭ شەرتلەرنى ئورۇندايدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
000_A77C1.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مېركېل گېرمانىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇۋاتقان ياپونىيە باش مىنىستىرى شىنزو ئابې بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ تۈركىيەدىن ۋىزا تەلەپ قىلماسلىق توغرىسىدىكى ئىجابىي تەۋسىيە دوكلاتىدىن خۇشاللىق ھېس قىلغانلىقىنى تىلغا ئالغان ھالدا،«بۇنىڭ تۈركىيەنىڭ باشقا ساھەلەردە قولغا كەلتۈرگەن ئىلگىرىلەشلەرگە ئوخشاش يېتەرسىز نۇقتىلارنى تولۇقلىشى جەھەتتىمۇ بىر پۇرسەت ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن» دېدى.

تۈركىيەنىڭ ۋىزىنى كەچۈرۈم قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك بارلىق شەرتلەرنى ئورۇندىيالايدىغانلىقىنى ئىشىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن مېركېل، مۇھىم شەرتلەرنىڭ ئىچىدە خۇسۇسىي ئۇچۇرلارنىڭ مۇھاپىزەت قىلىنىشى ۋە تېررورىزمغا قارشى كۈرەش قانۇنلىرىنىڭ بارلىقىنى قەيت قىلدى. ئۇ يەنە، تۈركىيەنىڭ قىبرىس رىم دائىرىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ياۋروپا ئىتتىپاقى پۇقرالىرىدىن ۋىزىنى كەچۈرۈم قىلىشىغىمۇ «بۈيۈك سىياسىي قەدەم» دەپ باھا بەردى ۋە بۇنىڭدىن كېيىن ئۆزئارا ھاسىل قىلىنغان كېلىشىملەرگە رىئايە قىلىنىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن تۈركىيە ئارىسىدىكى كېلىشىمنىڭ ئىشەنچلىك بىر كېلىشىم ئىكەنلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەكلىكىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر