سەنافىر ۋە تىران ئاراللىرى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتتى

قىزىل دېڭىزنىڭ سەنافىر ۋە تىران ئاراللىرى مىسىرنىڭ كونتروللۇقىدىن چىقىپ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتتى.

468235
سەنافىر ۋە تىران ئاراللىرى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتتى
s.arabistan- mısır iki ada

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قىزىل دېڭىز چېگرالىرىنىڭ قايتىدىن بېكىتىلىشىگە دائىر كېلىشىم جۈمە كۈنى قاھىرەدىكى ئىتتىھادىييە جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سەلمان بىن ئابدۇلئەزىز بىلەن مىسىر پىرېزىدېنتى ئابدۇلفەتتاھ ئەسسىسى ئىشتىراك قىلغان بىر مۇراسىمدا ئىمزالانغانىدى.

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ بۇرۇنقى پادىشاھى ئابدۇلئەزىز ئەسسۇئۇد، 1950 – يىلى سەنافىر ۋە تىران ئاراللىرىنىڭ خەۋپسىزلىكىنى قوغداشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ مىسىرنىڭ ھىمايىسىگە كىرىشىنى تەلەپ قىلغان، شۇنىڭ بىلەن مەزكۇر ئىككى ئارالنىڭ ئىگىدارچىلىقى 66 يىلدىن بۇيان مىسىرنىڭ ھىمايىسىدە بولۇپ كەلگەنىدى.

80 كۇادېرات كىلومېتىر چوڭلۇقتىكى تىران ئارىلى ئەقەبە قولتۇقىنى قىزىل دېڭىزدىن ئايرىپ تۇرىدىغان تىران بوغۇزىنىڭ كىرىش قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، سىنا يېرىم ئارىلىنىڭ 6 كىلومېتىر شەرقىگە توغرا كېلىدۇ.
تىران ئارىلىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان سەنافىر ئارىلىنىڭ يەر كۆلىمى بولسا، 33 كۇادېرات كىلومېتىر كېلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر