تۈركىيە سۈرىيەلىك ئوقۇغۇچىلارغا 3 مىليارد ياۋرو چىقىم قىلدى

تۈركىيە دۆلەت مائارىپ مىنىستىرى تۈركىيەنىڭ سۈرىيەلىك ئوقۇغۇچىلارغا 3 مىليارد ياۋرو چىقىم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

460771
تۈركىيە سۈرىيەلىك ئوقۇغۇچىلارغا 3 مىليارد ياۋرو چىقىم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مائارىپ مىنىستىرى ناۋبى ئاۋجى سۈرىيەلىك ئوقۇغۇچىلارغا كەتكەن ئوقۇش راسخوتىنىڭ 3 مىليارد ياۋرودىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مىنىستىر ئاۋجى خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ سۈرىيەلىك مۇساپىرلارنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا پاسسىپ پوزىتسىيە تۇتۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلارغا ياردەم بېرىش فوندى ئورگىنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنى مۇساپىرلار مەسىلىسىگە تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىردى.

تۈركىيەدە سۈرىيەلىك 750 مىڭ ئوقۇغۇچى بارلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن ئاۋجى، بۇلارنىڭ ئىچىدىن 350مىڭىنىڭ دۆلەت مەكتەپلىرىدە، 400مىڭنىڭ لاگىرلاردا ئاممىۋى تەشكىلاتلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان خۇسىۇسىي تەلىم-تەربىيە مەركەزلىرىدە تەلىم-تەربىيە ئېلىۋاتقانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر