ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە سۈرىيە مەسىلىسىدە كېلىشتى

ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى بىلەن ئۆكتىچىلەر ئارىسىدا «ئەسر ئالماشتۇرۇش» نى باشلاش ۋە يېڭى ئاساسىي قانۇن لايىھەسىنىڭ ئاۋغۇست ئېيىغىچە تەييارلىنىشى مەسىلىسىدە كېلىشىم ھاسىل قىلدى.

458047
ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە سۈرىيە مەسىلىسىدە كېلىشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېررىي موسكۋادا زىيارەتتە بولدى. بۇ ئۇنىڭ يېقىنقى ئالتە ئاي ئىچىدە رۇسىيەنى ئۈچ قېتىم زىيارەت قىلىشى بولۇپ، زىيارەتتە رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لاۋروۋ بىلەن كۆرۈشتى. كۆرۈشۈشتە، سۈرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇش كۈنتەرتىپكە كەلدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كۆرۈشۈشتىن كېيىن بايانات ئېلان قىلدى. ئۇ رۇسىيە بىلەن، «سۈرىيەدىكى سىياسىي ئۆتكۈنچى باسقۇچنىڭ رامكىسىنى شەكىللەندۈرۈش گىرافىكى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئۆتكۈزگەنلىكلىرىنى، سىياسىي ئۆتكۈنچى باسقۇچ ئۈچۈن ئاساسىي قۇرۇلما ۋە يېڭى ئاساسىي قانۇن لايىھەسىنىڭ ئاۋغۇست ئېيىغىچە تەييارلىنىشى مەسىلىسىدە كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقلىرى» نى بىلدۈردى. ئۇ ئامېرىكىنىڭ سۈرىيەدە تىنچلىقنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن بەششار ئەسەدنىڭ توغرا قارار چىقىرىشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

بۇ جەرياندا، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى بىلەن ئۆكتىچىلەر ئارىسىدا جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان تىنچلىق سۆھبەتلىرىنىڭ بىرىنچى قېتىملىقى ئاخىرلاشتى. ئىككىنچى قېتىملىق ئۇچرىشىشلار 9 – ئاپرېلدا باشلىنىدۇ.

ئۇكرائىنا مەسىلىسى جون كېررىينىڭ موسكۋا زىيارىتىدىكى يەنە بىر كۈنتەرتىپ ماددىسى بولدى. ئۇ رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئۇكرائىنا كىرىزىسىنىڭ ھەل قىلىنىش تەدبىرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «2 – مىنسىك» كېلىشىمى ئىجرا قىلىنغان ئەھۋالدا، ئامېرىكىنىڭ رۇسىيەگە يۈرگۈزۈۋاتقان ئېمبارگولارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ پىرېزىدېنت پۇتىن بىلەن 22 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇكرائىنالىق پارلامېنت ئەزاسى ۋە ئۇچقۇچى نادېجدا ساۋچېنكونىڭ ئەھۋالى ئۈستىدە سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكىنى، پۇتىننىڭ ساۋچېنكونىڭ ئەھۋالىنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئېنىق بولىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر