ئامېرىكا ئىراقنىڭ شىمالىغا ئەسكەر ئورۇنلاشتۇردى
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئىراقنىڭ شىمالىغا ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى پىيادىلەر قىسىملىرىنى ئورۇنلاشتۇردى.
455731
![ئامېرىكا ئىراقنىڭ شىمالىغا ئەسكەر ئورۇنلاشتۇردى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/3241/2c82/bd03/56f0dc76869a7.jpg?time=1718577776)
![ırak abd.jpg](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/3241/2c82/bd03/56f0dc76869a7.jpg?time=1718577776)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دېڭىز ئارمىيەسى پىيادىلەر قىسىملىرى ئامېرىكىلىق مەسلىھەتچىلەر تۇرۇۋاتقان ئىراق ئارمىيەسى بازىسىنى قوغداش ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ. ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئەسكەرلەرنىڭ دائېش ھۇجۇملىرىغا ئۇچراۋاتقان مەھمۇردىكى بازىدا ۋەزىپە ئۆتەيدىغانلىقى قەيت قىلىندى.
ھەربىي باياناتچى ستېۋ ۋاررېن بازىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئەسكەرلەرنىڭ سانى توغرىسىدا مەلۇمات بەرمىگەن بولسىمۇ، ئىسمى ئاشكارىلانمىغان ئامېرىكىلىق ئەمەلدارلار، ئەسكەرلەرنىڭ سانىنىڭ 100 بىلەن 200 ئارىسىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
دائېشنىڭ مەھمۇر لاگېرىغا قىلغان ئالدىنقى كۈنىدىكى ھۇجۇمىدا بىر ئامېرىكىلىق ئەسكەر ئۆلگەنىدى.