كاسترو: ئامېرىكا قوش ئۆلچەم يۈرگۈزۈپ كەلمەكتە

كۇبا پىرىزېدېنتى كاسترو ئامېرىكىنىڭ قوش ئۆلچەم يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

456197
كاسترو: ئامېرىكا قوش ئۆلچەم يۈرگۈزۈپ كەلمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كۇبادا زىيارەتتە بولىۋاتقان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرىزېدېنتى باراك ئوباما، پايتەخت ھاۋانادىكى ئىنقىلاب سارىيىدا پىرىزېدېنت راۋۇل كاسترو بىلەن كۆرۈشتى.

ئۇچرىشىشتىن كېيىن مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن ئىككى لىدەر، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى ياخشىلاش يولىدا تاشلانغان قەدەملەر ئۈستىدە توختالدى. ئوباما ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا روشەن ئوخشىماسلىقلار ۋە پەرقلەر بولسىمۇ، كېلەچەككە ئۈمىد بىلەن قارايدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ: «نۆۋەتتە كەلگۈسىگە مەركەزلىشىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز.»

كۇباغا قارىتىلغان ئېمبارگولارنىڭ ھامان بىر كۈنى ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى، بىراق قاچان ئاخىرلىشىدىغانلىقى توغرىسىدا ھازىرچە ئېنىق بىر نەرسە دېيەلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلگەن ئامېرىكا پىرىزېدېنتى باراك ئوباما، ئېمبارگولارنى بىكار قىلىش سۈرئىتىنىڭ ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىدە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىش سۈرئىتىگە باغلىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

كۇبانىڭ كېلەچىكىنى كۇبا خەلقىنىڭ ئۆزى بەلگىلەيدىغانلىقىنىمۇ ئېيتقان ئوباما، كۇباغا يۈرگۈزۈپ كېلىنىۋاتقان ئېمبارگو ۋە يېتىم قالدۇرۇش سىياسەتلىرىنىڭ كارغا كەلمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئوباما ئىككى دۆلەتنىڭ ئىنسان ھەقلىرى ۋە دېموكراتىيە مەسىلىلىرىگە پەرقلىق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقلىرىنى ئەسلىتىپ ئۆتۈپ، كاسترو بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە بۇ مەسىلىلەر ئۈستىدە تەپسىلىي توختالغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

كۇبا پىرىزېدېنتى كاسترو ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىدە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ قوش ئۆلچەم يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئوخشىماسلىق ۋە پەرقلەرنىڭ بولۇشىنىڭ نورمال ئىكەنلىكىنى ئېيتقان كاسترو، دۇنيا مىقياسىدا ھېچقانداق بىر دۆلەتنىڭ سەھىيە، مائارىپ ۋە باراۋەر ئىش ھەققى قاتارلىق مەسىلىلەرگە كاپالەت بېرەلمەيدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ ئۆتتى.

«بىز ئىنسان ھەقلىرىنى ياقلايمىز»دېگەن كاسترو، ئوباماغا ئوخشاش ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن تىگىشلىك قەدەملەرنى تاشلايدىغانلىقىغا ۋەدە بېرىپ مۇنداق دېدى: «بىر كۆۋرۈكنى چۇۋۇپ تاشلاش تولىمۇ ئاسان، بىراق كۆۋرۈكنى قايتىدىن ياساپ چىقىش تولىمۇ مۈشكۈل ۋە ئۇزۇن ۋاقىت تەلەپ قىلىدىغان ئىشتۇر.»

ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىشتە ئامېرىكىنىڭ سودا ئېمباگولارنى بىكار قىلىشىنىڭ تولىمۇ مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن كاسترو، ۋاشىنگىتون ھاكىمىيىتىنىڭ گۇانتانامونى تارقاقلاشتۇرۇپ كۇباغا قايتۇرۇپ بېرىشىنىڭ مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

كاسترو بۇ قەدەملەر تاشلانسا نۇرغۇن نەرسىنىڭ ئۆزگىرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئوبامانىڭ بۇ جەھەتتىكى ترىىشچانلىقلىرىغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر