ئامېرىكا: سۈرىيەدە ئاپتونومىيەلىك رايون قۇرۇلۇشىنى خالىمايمىز

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جون كىرباي، ئەسەدسىز شۇنداقلا بىر پۈتۈن سۈرىيەنىڭ روياپقا چىقىشىنى خالايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

445391
ئامېرىكا: سۈرىيەدە ئاپتونومىيەلىك رايون قۇرۇلۇشىنى خالىمايمىز
abd sözcü kirby.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باياناتچى كىرباي، سۈرىيەدىكى توقۇنۇشلارغا خاتىمە بېرىش كېلىشىمىدىن كېيىن دۆلەتنىڭ پۈتۈنلۈكىنى مۇھاپىزەت قىلىدىغان بىر ھاكىمىيەتنىڭ روياپقا چىقىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى ۋە ھېچقانداق بىر گۇرۇپپا ئۈچۈن يېرىم ئاپتونومىيەلىك رايوننىڭ شەكىللىنىشىنى خالىمايدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى. ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «ئەگەر مەندىن كوردلار ئۈچۈن يېرىم ئاپتونومىيەلىك بىر رايوننىڭ تەسىس قىلىنىشىنى خالايدىغان ياكى خالىمايدىغانلىقىمىزنى سورىساڭلار، جاۋاب ‹ياق›. سۈرىيەدە فېدېراتىپ دۆلەت قۇرۇلۇشى كېرەكلىكى توغرىسىدىكى قارىشىمىزنى قايتا – قايتا ئوتتۇرىغا قويدۇق، يەنە قايتىلايمەن. ھازىرغىچە بولغان ئۇقتۇرۇشلاردا بىرلىك ھاسىل قىلغىنىمىزدەك، سۈرىيەنى مەزھەپلەرگە قارىماستىن بىر پۈتۈن، دەپ قوبۇل قىلىمىز» دېدى.

كىرباي سۈرىيەدىكى توقۇنۇشلارنىڭ ئازىيىشىدىن كېيىن ھاكىمىيەت بىلەن ئۆكتىچىلەر ئارىسىدا دىپلوماتىك ئۇچرىشىشلارنىڭ باشلىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «سۈرىيەنىڭ كېلەچىكىدە ئەسەدنىڭ ئورنى بار، دەپ قارىمايمىز. سۈرىيەدە ئەسەدسىز بىر ھۆكۈمەتنىڭ تەشكىل قىلىنىشىنى خالايمىز. ئاخىرلاشمىغان بولسىمۇ، سايلاملارنىڭ قانداق ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىغا دائىر ئۇچرىشىشلار باشلىدى. ئەگەر ئۇتۇقلۇق بولۇپ قالسا، سۈرىيە خەلقىنىڭ ئېھتىياجلىرىغا جاۋاب بېرىدىغان بىر ھۆكۈمەتنىڭ تەشكىللىنىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر