شىمالىي كورېيە خەلقئارا جەمئىيەتكە يەنە تەھدىت سالدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى داۋاملىق يادرو قوراللىرى سىناقلىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى ئۈچۈن قاتتىق ئېمبارگو يۈرگۈزۈش قارارى ئالغان شىمالىي كورېيە خەلقئارا جەمئىيەتكە يەنە تەھدىت سالدى.

444255
شىمالىي كورېيە خەلقئارا جەمئىيەتكە يەنە تەھدىت سالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن ئارمىيەگە يادرو قوراللىرىنى ئىشلىتىشكە تەييار ھالەتتە تۇرۇش يوليۇرۇقى چۈشۈردى. كورېيە مەركىزى خەۋەر ئاگېنتلىقى (KCNA) نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كىم جوڭئۇن ھەربىي دائىرىلەرگە تاقابىل تۇرۇش ھۇجۇملىرى ئۈچۈن شىمالىي كورېيە ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇشقا، يادرو قوراللىرىنىڭ ئىشلىتىشكە تەييار ھالەتتە تۇرۇشى توغرۇلۇق يوليۇرۇق چۈشۈرگەن. كىم جوڭئۇن ھەربىي مانېۋىر جەريانىدا قىلغان سۆزىدە، «دۈشمەنلىرىمىز شىمالىي كورېيەنىڭ مەۋجۇدىيىتىگە تەھدىت سالماقتا. ئامېرىكا باشقا دۆلەتلەردە ئۇرۇش ۋە پالاكەتنى تەشۋىق قىلىۋاتقان جىددىي پەيتتە، ئىگىلىك ھوقۇقىمىز ۋە ياشاش ھوقۇقىمىزنى قوغداشنىڭ بىردىن - بىر يولى يادرو كۈچىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇش» دېگەن. مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ۋاشىنگىتون كىم جوڭئۇننىڭ بۇ سۆزلىرىگە چاقماق تېزلىكىدە ئىنكاس قايتۇرغان. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى قوماندان بىل ئۇربان، «شىمالىي كورېيەنى خەلقئارا ئەھدىنامىلەر ۋە بەرگەن ۋەدىلىرىگە ئەمەل قىلىشنىڭ ئورنىغا سۈركىلىشنى تېخىمۇ ئەۋج ئالدۇرۇۋېتىدىغان ئىغۋاگەرلىك قىلمىشلاردىن قول يغىشقا چاقىرىمىز» دېگەن. شىمالىي كورېيە پەيشەنبە كۈنىمۇ دېڭىزدا قىسقا مۇساپىلىق 6 باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى سىناق قىلغانىدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئالدىنقى كۈنى ماقۇللىغان قارارنامە شىمالىي كورېيەگە قارىتا يېقىنقى 20 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر ئېمبارگولارنى يۈرگۈزۈشنى نىشان قىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر