شىمالىي كورېيەگە ئېمبارگو ياغماقتا

يىراق مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ بارغان شىمالىي كورېيەگە يېڭى ئېمبارگولار يۈرگۈزۈلىدۇ.

442131
شىمالىي كورېيەگە ئېمبارگو ياغماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئەزالىرى شىمالىي كورېيەگە يۈرگۈزۈلىدىغان يېڭى ئېمبارگولار توغرۇلۇق مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن بۈگۈن بىر يەرگە جەم بولىدۇ. يىغىندا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئۆتكەن ھەپتە شىمالىي كورېيەگە يېڭى ئېمبارگولارنى يۈرگۈزۈش ئۈچۈن خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە سۇنغان قارارنامە مۇزاكىرە قىلىنىدۇ. قارارنامە تۇنجى قېتىم شىمالىي كورېيەدىن كەلگەن ياكى بۇ دۆلەتكە كەتكەن بارلىق يۈكلەرنى تەكشۈرۈش، يېنىك تىكتىپى قورال - ياراغ بىلەن كلاسسىك قورال – ياراغلارنى شىمالىي كورېيەگە سېتىشقا چەكلىمە قويۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. قارارنامە قوبۇل قىلىنغان تەقدىردە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى يېقىنقى 20 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر ئېمبارگولارنى يۈرگۈزگەن بولىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر