ئامېرىكا: تۈركىيەنىڭ ئەندىشەسىنى توغرا چۈشىنىمىز

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېررىي: « تۈركىيەنىڭ ي پ گ ئەندىشەسىنى چۈشىنىمىز ۋە ھۆرمەت قىلىمىز» دەپ بايانات ئېلان قىلدى.

439795
ئامېرىكا: تۈركىيەنىڭ ئەندىشەسىنى توغرا چۈشىنىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېررىي ئەنقەرە – ۋاشىنگتون مۇناسىۋەتلىرىدە يىرىكچىلىككە سەۋەب بولغان مەسىلىلەر ئۈستىدە ئۇچرىشىشلار ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى ئېيتتى.

جون كېررىي ئاۋام پالاتاسىنىڭ تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىدا تۈركىيەنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ۋە سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى ي پ گ گە ياردەم بېرىلگەنلىكىگە بولغان نارازىلىقى توغرىسىدا سۆز قىلدى. ئۇ: «تۈركىيەنىڭ پ ك ك غا ۋە پ ك ك نىڭ ي پ گ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدىن پەيدا بولغان ئەندىشەسىگە ناھايىتى سەزگۈر مۇئامىلە قىلىمىز، بۇ مەسىلىدە ئۇلار بىلەن مۇھىم سۆھبەتلەر ئۆتكۈزۈۋاتىمىز، تۈركىيەنىڭ ئەندىشەلىرىگە ھۆرمەت كۆرسىتىشىمىز لازىم. بىز بۇنىڭدا ھۆرمەت كۆرسىتىدىغانلىقىىزغا ۋە كۆرسەتكەنلىكىمىزگە ئىشىنىمەن» دېدى.

ئۇ ناتو ئەزاسى بولغان تۈركىيە بىلەن يېقىن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى بارلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ يوقىتىلىشى ئۈچۈن يەرلىك كۈچلەرگە ئېھتىياج بارلىقىنى ئەسكەرتتى ۋە بۇنىڭغا مىسال قىلىپ كوبانىنى كۆرسەتتى.

ئۇ تۈركىيە بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلالايدىغان ئوخشىمىغان كورد گۇرۇپپىلارنىڭ بارلىقىدىن بېشارەت بېرىپ: «ئەنقەرە ئۈچۈن مۇھىم چەكلەردىن ئېشىپ كەتمەسلىك ۋە رايوننىڭ خەۋپسىزلىكىنى نەزەرگە ئالغان ھالدا قانداق ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلالايدىغانلىقىمىز توغرىسىدا تۈركىيە رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈۋاتىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر