«شىمالىي كورېيە جەنۇبىي كورېيەگە ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىنىۋاتىدۇ»

جەنۇبىي كورېيە ئاخبارات مەنبەلىرى شىمالىي كورېيەنىڭ ھۇجۇمغا تەييارلىنىۋاتقانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.

435202
«شىمالىي كورېيە جەنۇبىي كورېيەگە ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىنىۋاتىدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي كورېيەنىڭ پايتەختى سېئۇلدا جىددىي يىغىن چاقىرغان ھۆكۈمەت مەسئۇللىرىغا سۇنۇلغان ئاخبارات دوكلاتلىرىغا ئاساسلانغاندا، شىمالىي كورېيە جەنۇبىي كورېيەنىڭ دۆلەت ئورگانلىرى ۋە ئىستىراتېگىيەلىك ئورۇنلىرىغا ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلانماقتا. ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەنىڭ پارلامېنت ئەزاسى لې چۇلۋو Yonhap خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بەرگەن باياناتىدا، «شىمالىي كورېيە شىماللىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، پاناھلىق تىلىگۈچىلەر ۋە سېئۇل ھۆكۈمەت دائىرىلىرىگە زىيان يەتكۈزۈشى مۇمكىن» دېدى. شىمالىي كورېيەنىڭ دۆلەت ئورگانلىرى، سودا سارايلىرى ۋە ئېلېكتىر ئىستانسىلىرىغا ھۇجۇم قىلىش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتكەن چۇلۋو شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇننىڭ بۇيرۇقى بويىچە ھۇجۇم تەييارلىقلىرىنىڭ قىزىپ كەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر