ياۋروپا مۇساپىرلار دولقۇنىغا قارشى تەدبىرلەرنى ئالماقتا

ياۋروپا دۆلەتلىرى مۇساپىرلار دولقۇنىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ھەر خىل تەدبىرلەرنى ئالماقتا.

433607
ياۋروپا مۇساپىرلار دولقۇنىغا قارشى تەدبىرلەرنى ئالماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا مۇساپىرلار دولقۇنىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ھەر خىل تەدبىرلەرنى ئالماقتا.

ۋېنگىرىيە، پولشا، چېخ، سىلوۋاكىيە، ماكېدونىيە ۋە بۇلغارىيەنىڭ رەھبەرلىرى چېخنىڭ پايتەختى پىراگادا ئۇچرىشىپ، مۇساپىرلار دولقۇنىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئېلىنىدىغان تەدبىرلەر ئۈستىدە كېڭەشتى.

بالقان دۆلەتلىرىنىڭ گىرېتسىيە بىلەن بولغان چېگرىلىرىنى تاقىۋېتىش مەسىلىسىمۇ يىغىننىڭ كۈنتەرتىپىنى تەشكىل قىلىدۇ. رايونلۇق كۈچ ھېسابلىنىدىغان گېرمانىيە، چېگرالارنى تاقىۋېتىشنىڭ گىرېتسىيەنى تېخىمۇ ناچار ئەھۋالغا كەلتۈرۈپ قويىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چېگرا تاقىۋېتىش پىكىرىگە قارشى چىقماقتا.

ياۋروپا ئىتتىپاقى نۆۋەتچى رەئىسلىكىنى 6 ئايلىق ئۈستىگە ئالغان گولاندىيەنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بېرت كوندېرس، گېۋگېلىجادا كۆچمەن بالىلار ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلارغا ياردەم فوندى جەمئىيىتى ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى.

بېرت كوندېرس ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزالىرىنى چېگرالىرىنى مۇساپىرلارغا تاقىۋېتىشقا چاقىردى.

بۇ ئارىلىقتا، گىرېتسىيەنىڭ مىدىللى، سىسام، ساكىز ۋە ئىلېريوز ئاراللىرىدىكى تۆت مۇساپىر مەركىزىنى بۇ ھەپتىدە ئىشقا كىرىشتۈرۈشى مۆلچەرلەنمەكتە.

ياۋروپا كومىتېتى شەنگەن مەسىلىسىدە ئاگاھلاندۇرۇپ كېلىۋاتقان ئافېنا ھۆكۈمىتىدىن، مۇساپىرلار دولقۇنىنى تىزگىنلەشنى ۋە كەم تەرەپلەرنى 3 ئاي ئىچىدە تولۇقلاشنى تەلەپ قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر