خىتاي مۇخبىرىنىڭ ئامېرىكىغا بېرىشىغا يول قويۇلمىدى

خىتايدىكى ئاچارچىلىق دەۋرى مەزمۇن قىلىنغان كىتابى خارۋارد ئۇنىۋېرستېتىنىڭ «لۇيىس م. ليونىس» مۇكاپاتىغا لايىق كۆرۈلگەن ياڭ جىشېڭنىڭ مۇكاپاتىنى تاپشۇرۇۋېلىش ئۈچۈن ئامېرىكىغا بارالمايدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

433045
خىتاي مۇخبىرىنىڭ ئامېرىكىغا بېرىشىغا يول قويۇلمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتايدا جامائەتچىلىككە تونۇلغان مۇخبىرلاردىن بىرى بولغان ياڭ جىشېڭنىڭ، 1958 – يىلىدىن 1961 – يىلىغىچە مىليونلارچە ئادەمنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىگە سەۋەب بولغان ئاچارچىلىقنى مەزمۇن قىلغان كىتابى بىلەن لايىق كۆرۈلگەن «لۇيىس م. ليونىس» مۇكاپاتىنى ئېلىش ئۈچۈن ئامېرىكىغا بېرىشىغا رۇخسەت قىلىنمىدى.

گۇاردىياننىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 2008 – يىلى نەشر قىلىنغان «مازار تېشى» ناملىق كىتابى مۇكاپاتقا لايىق كۆرۈلگەن ياڭ جىشېڭنىڭ، مارت ئېيىدا ماسساچۇستىس ئىشتاتىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇراسىمدا مۇكاپاتىنى تاپشۇرۇۋېلىشى پىلان قىلىنغان. 75 ياشلىق پېنسىيونىر مۇخبىر ياڭ بۇ ھەقتە سۆز قىلىشنى رەت قىلغان، شىنخۇا مەسئۇللىرىمۇ بۇ ھەقتىكى سوئاللارنى جاۋابسىز قويغان. ياڭنىڭ كىتابى 2008 – يىلى خوڭكوڭدا نەشر قىلىنىپ بازارغا سېلىنغان، ئەمما خىتايدا سېتىلمىغان.

خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ھېسابلىنىدىغان ماۋزېدۇڭنىڭ دۆلەتنى سانائەتلەشتۈرۈش ئۈچۈن دېھقانلارنى مەجبۇرىي زاۋۇت ئىشچىسى سۈپىتىدە ئىشلىتىشى، ئاشلىقلارنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى ۋە قالايمىقان تارقىتىش سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن ئاچارچىلىقتا 36 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر