خىتاي ئامېرىكىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

خىتاي دائىرىلىرى ئامېرىكا ئۇرۇش پاراخوتىنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىگە تاجاۋۇز قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

426148
خىتاي ئامېرىكىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئامېرىكا ئۇرۇش پاراخوتىنىڭ «خىتاي دېڭىز تەۋەلىكى» گە بىسوراق كىرگەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، بايانات ئېلان قىلدى. باياناتتا، ئامېرىكىنىڭ «USS Curtis Wilbur» ناملىق ئۇرۇش پاراخوتىنىڭ خىتاي كونتروللۇقىدا تۇرۇۋاتقان جەنۇبىي دېڭىزدىكى شىشا تاقىم ئاراللىرى تەۋەلىكىگە كىرگەنلىكى قەيت قىلىندى. ئامېرىكا ئۇرۇش پاراخوتىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇلۇپ، رايوندىن يىراقلاشتۇرۇلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن باياناتتا، بۇ «تاچاۋۇزچىلىق» قىلمىشى قاتتىق ئەيىبلەندى.

باياناتتا يەنە، خىتاي قانۇنلىرىغا ئاساسەن، خىتايغا تەۋە دېڭىز تەۋەلىكىگە چەت ئەل پاراخوتلىرىنىڭ كىرىشتىن بۇرۇن بېيجىڭ ھۆكۈمىتىدىن رۇخسەت ئېلىشى، ئامېرىكىنىڭمۇ بۇ قانۇنلارغا ھۆرمەت قىلىشى كېرەكلىكى تەكىتلەندى. بۇنىڭدىن باشقا، رايونلۇق تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنىڭ قوغدىلىشى، ئۆزئارا ئىشەنچنى زىيانغا ئۇچراتماسلىق چاقىرىق قىلىندى.

2015 – يىلى ئۆكتەبىر ئېيىدىمۇ ئامېرىكىنىڭ «USS Lassen» ناملىق ئۇرۇش پاراخوتىنىڭ خىتاي ئىگىلىك ھوقۇق دەۋاسى قىلىۋاتقان جەنۇبىي دېڭىزدىكى سپىراتىل تاقىم ئاراللىرى ئەتراپىدىكى دېڭىز تەۋەلىككە كىرىشى، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا يىرىكچىلىكلەرنى كۈچەيتىۋەتكەن ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى جەنۇبىي دېڭىزدا پەيدا قىلغان سۈنئىي ئاراللارغا ھاۋا ئارمىيە بازىسى ۋە بەزى ئاممىۋى ئەسلىھەلەرنى قۇرۇپ، تالاش – تارتىشلىق ئاراللارنىڭ تەۋەلىك مەسىلىسىنى ئۇلغايتىشقا ئۇرۇنماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر