گىرۇزىيە: رۇسىيەنىڭ دائېش دەۋالىرى يالغان

گىرۇزىيە باش مىنىستىرى گىئورگى كۋىرىكاشۋىلى، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋنىڭ «گىرۇزىيەنىڭ كاكھېتى رايونىدىكى پانكىسى ۋادىسىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش ئەزالىرى بار» تەرىقىسىدىكى دەۋالىرىنى رەت قىلدى.

425012
گىرۇزىيە: رۇسىيەنىڭ دائېش دەۋالىرى يالغان
Gürcistan Başbakanı

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كۋىرىكاشۋىلى لاۋروۋنىڭ سۆزلىرىنىڭ راست ئەمەسلىكىنى، چۈنكى رايوندا ھەرقانداق بىر تېررور تەھدىتىنىڭ يوقلۇقىنى ئەسكەرتتى.

پۈتكۈل رايوننىڭ ھۆكۈمەتنىڭ كونتىروللۇقىدا ئىكەنلىكىنى قەيت قىلغان كۋىرىكاشۋىلى: «پۈتكۈل رايون ھۆكۈمىتىمىزنىڭ كونتىروللۇقىدا. دەرۋەقە نۆۋەتتە پانكىسى ۋادىسىدا ھېچقانداق بىر تېررور خەۋپى يوق» دېدى.

ئۇ يەنە، بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ رايوندىن ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن سۈرىيەگە كەتكەنلىكىنى، ئەمما ئۇلارنىڭ قايتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ كۈچەيتىلگەنلىكىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن يىللىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، رۇسىيە – گىرۇزىيە مۇناسىۋەتلىرى توغرۇلۇق توختالغاندا، رۇسىيە تېرروتېرىيەسىدىكى چېچىنىيە چېگراسىغا قوشنا پانكىسى ۋادىسىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش ئەزالىرىنىڭ بارلىقىدىن خەۋەر تاپقانلىقلىرىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.

بېرىش ئىنتايىن قىيىن بولغان رايوننىڭ دائېش ئەزالىرى تەرىپىدىن مەشق ۋە دەم ئېلىش ئورنى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن لاۋروۋ، «پانكىسى ۋادىسىدا تېررور خەۋپى تېخىچە يوقىتىلغىنى يوق» دېگەنىدى.

گىرۇزىيە ھۆكۈمىتى ئىلگىرى رۇسىيەنىڭ بۇنىڭغا ئوخشىغان دەۋالىرىنى رەت قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر