رۇسىيە تۈركلەرگە ۋىزا رەسمىيىتىنى يولغا قويىدۇ
رۇسىيە تۈركلەرگە 1 – يارۋاردىن باشلاپ ۋىزا رەسمىيىتىنى يولغا قويىدۇ
412249
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتقا كۆرە، ئاممىۋى پاسپورت بىلەن رۇسىيەگە بارماقچى بولغانلار 2016 – يىلى 1 – يانۋاردىن باشلاپ رۇسىيە باش ئەلچىخانىلىرى ياكى كونسۇلخانىلىرىدىن ۋىزا ئالىدىكەن، رەسمىي پاسپورتى بارلار بۇرۇنقى پىرىپسىپقا ئاساسەن ۋىزا ئالمايدىكەن.
بۇنىڭدىن باشقا يەنە، رۇسىيەدە ۋاقىتلىق ياكى دائىمىي ئىستىقامەت قىلىش رۇخسەتنامىسى بارلار بىلەن پاراخوت كېنىشكىسىگە ئىگە كىشىلەرمۇ ۋىزا ئالمايدىكەن.