رۇسىيە ھاۋا تاجاۋۇزچىلىقىنى پىلانلىق ھالدا داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ

رۇسىيە ئايروپىلانلىرىنىڭ تۈركىيە ھاۋا تەۋەلىكىگە تاجاۋۇز قىلىپ قالماستىن، بەلكى گىرۇزىيە، فىنلاندىيە ۋە ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ھاۋا تەۋەلىكىگىمۇ تاجاۋۇز قىلدى.

405759
رۇسىيە ھاۋا تاجاۋۇزچىلىقىنى پىلانلىق ھالدا داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيەنىڭ ھەربىي ئايروپىلانلىرى سىياسىي مەقسەتلىرى يوشۇرۇنغان ئىستراتېگىيەلىرى دائىرىسىدە ھاۋا تەۋەلىكىگە تاجاۋۇز قىلغان دۆلەتلەرنىڭ ئىچىدە ياپونىيەمۇ بار. رۇسىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي تىك ئۇچارلىرى فىلاندىيە بىلەن گىرۇزىيەنىڭ ھاۋا تەۋەلىكىگىمۇ تاجاۋۇز قىلىپ كىردى.
گىرۇزىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىغا ئاساسلانغاندا، رۇسىيەنىڭ « Mi-8 » تىپلىق تىك ئۇچارى 10 – دېكابىر جەنۇبىي ئوسېتيە چېگراسى ئەتراپىدا ئۆتكۈزۈلگەن مانېۋىر جەريانىدا گىرۇزىيە ھاۋا تەۋەلىكىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن.
رۇسىيە بۇ ھەپتە ئەرمېنىيەگە جايلاشقان ھاۋا ئارمىيە بازىلىرىدىكى تىك ئۇچارلىرىنى يۆتكەشكە باشلىغان ئىدى.
رۇسىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئايروپىلانلىرى فىنلاندىيە ھاۋا تەۋەلىكىگىمۇ تاجاۋۇز قىلغان. مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، فىنلاندىيە بوغۇزىدا ئۇچقان رۇسىيەنىڭ بىر ھەربىي تىك ئۇچارى فىلاندىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلىرىغا ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرمىغان ۋە ئالتە مىنۇت فىلاندىيە ھاۋا تەۋەلىكىدە ئۇچقان.
ناتو (شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى) غا ئەزا بولۇش مەسىلىسى خەلق ئارىسىدا زور تالاش – تارتىش قوزغىغان فىنلاندىيە، رۇسىيەنىڭ ھاۋا ۋە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ پىلانلىق تاجاۋۇزچىلىقلىرىغا دۇچ كەلمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر