شىمالىي كورېيە: ئاتوم ۋە ھىدروگېن بومبىلىرىمىز ئىشلىتىشكە تەييار

شىمالىي كورېيەنىڭ ئاتوم بومبىسى ۋە ھىدروگېن بومبسىنىڭ ئىشلىتىشكە تەييار ھالەتتە ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

405504
شىمالىي كورېيە: ئاتوم ۋە ھىدروگېن بومبىلىرىمىز ئىشلىتىشكە تەييار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي كورېيەنىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى KCNA، پىرېزىدېنت كىم جوڭ – ئۇن، «شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو ئىقتىدارىنىڭ «دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقىنى قوغداش ئۈچۈن ئاتوم ۋە ھىدروگېن بومىسىنى پارتلىتىشقا تەييار ھالەتتە ئىكەنلىكى» نى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

پىرېزىدېنت كىمنىڭ بۇ سۆزلىرى دۆلەتتىكى ھىدروگېن بومبىسىغا ئالاقىدار تۇنجى بىۋاسىتە بېرىلگەن بايانات ھېسابلانسىمۇ، شىمالىي كورېيە دائىرىلىرى بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ دۆلەتنىڭ يادرو قورال كۈچى توغرىسىدا جەزملەشتۈرۈش مۇمكىنچىلىكى بولمىغان كۆپلىگەن باياناتلارنى بەرگەنىدى.

شىمالىي كورېيەنىڭ كىچىك ئەمما، زورىيىۋاتقان بىر ياردو قورالى ئامبىرى بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارالماقتا.

شىمالىي ئاخىرقى قېتىم 2013- يىلى فېۋرالدا يادرو قورالىنى سىناق قىلغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر