«ئىران ئىراق ۋە سۈرىيەگە ھاۋا ھۇجۇملىرى ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن»

ئىران قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى قوماندانى گېنېرال ئەھمەد رىزا پۇردېستان، ئىراننىڭ ئىراق ۋە سۈرىيەگە ھاۋا ھۇجۇملىرى ئېلىپ بېرىش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى ئېيتتى.

404877
«ئىران ئىراق ۋە سۈرىيەگە ھاۋا ھۇجۇملىرى ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پۇردېستان ئۆزىنىڭ ئىران ئارمىيەسىنىڭ ئىراق ۋە سۈرىيەدىكى مەسلىھەتچىسى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، «ئىران سۈرىيە ۋە ئىراقتا قۇرۇقلۇق ۋە ھاۋا ھۇجۇملىرى ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن» دېدى.
پۇردېستان، ئىران ۋە رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا S-300 تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلاردىن كېيىن، T-90 تىپلىق تانكا سېتىۋېلىش كېلىشىمى ئىمزالىنىشى توغرۇلۇق سۆھبەت ئۆتكۈزۈلۈۋاتقانلىقىنى، يېقىندا ئىككى دۆلەت مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بۇ ھەقتە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىشقا باشلايدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر