ئامېرىكا ئىراندىن گۇمانلانماقتا

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئىراننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قارارلىرىغا خىلاپ ھالدا باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ بارغان بولۇش ئېھتىماللىقىدىن گۇمانلانماقتا.

404833
ئامېرىكا ئىراندىن گۇمانلانماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جون كېبى، ئىراننىڭ ئۆتكەن ئاي باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناقلىرى ئېلىپ بارغانلىقى توغرۇلۇق خەۋەر تالقالغاندىن كېيىن، تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ ھەقتىكى دەۋالارنىڭ جىددىي كۆزدىن كەچۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن كېبى، بۇ راست شۇنداق بولغان تەقدىردە، كېرەكلىك قەدەملەرنىڭ تاشلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى سەمەنسە پوۋېرمۇ بۇ ھەقتە توختالدى. پوۋېر، ئىراننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ بارغانلىقى توغرۇلۇق جىددىي ئەندىشىلەرنىڭ بارلىقىنى، بۇ ئېنىقلاپ چىقىلغان تەقدىردە، خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ بۇنىڭغا تەدبىر قوللىنىشى ئۈچۈن ئامېرىكىنىڭ ھەرىكەتكە ئۆتىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. تېھران بولسا باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناقلىرىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قارارلىرىغا خىلاپ ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر