سۈرىيەدە ھاۋا ھۇجۇملىرىدا 26 پۇقرا قازا قىلدى
سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى ئەلھول رايونىدا ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش كۈچلىرىنىڭ ھاۋا ھۇجۇملىرىدا 26 پۇقرا قازا قىلدى.
403895
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيە كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھاۋا ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلاردىن 7 سى نارىسىدە بالا، 4 ى ئايال ئىكەن.
مەزكۇر رايون ئۆتكەن ئاي تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتكەنىدى.