خىتاينىڭ بېشى ھاۋا بۇلغىنىش كىرىزىسى بىلەن دەرتتە

دۇنيا بويىچە نوپۇسى ئەڭ كۆپ دۆلەت خىتاينىڭ پايتەختى بېيجىڭدا ھاۋا بۇلغىنىش ئاگاھلاندۇرۇشى تۇنجى قېتىم ئەڭ يۈكسەك سەۋىيەگە چىقىرىلدى.

359889
خىتاينىڭ بېشى ھاۋا بۇلغىنىش كىرىزىسى بىلەن دەرتتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇ ئاگاھلاندۇرۇش پەيشەنبە كۈنىگىچە كۈچكە ئىگە بولۇپ، خىتاي جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش مەركىزى بۇ ئۈچ كۈن ئىچىدە باشلانغۇچ ۋە ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ تاقىلىشىنى مۇراجىئەت قىلدى. ھاۋا بۇلغىنىشنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن بېيجىڭدا بىر قىسىم زاۋۇتلار ئىشتىن توختىتىلدى. ئۆتكەن ھەپتە بېيجىڭدا زىيانلىق نەرسىلەرنىڭ مىقدارى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئۆلچىمىدىن 25 ھەسسە ئېشىپ كەتكەنىدى.
ئىگىلىنىشىچە، خىتايدىكى ھاۋا بۇلغىنىشى يىلىغا 1 يېرىم مىليون كىشىنىڭ جېنىغا زامېن بولىدىكەن.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر