ئامېرىكا بىلەن فىرانسىيە ۋەدىسىدىن يېنىۋالدى

ئامېرىكا بىلەن فىرانسىيە ئەسەدنىڭ كېلەچىلىكى ھەققىدە بەرگەن ۋەدىسىدىن يېنىۋالدى.

401747
ئامېرىكا بىلەن فىرانسىيە ۋەدىسىدىن يېنىۋالدى

تۈركىيەدىكى مەلۇم بىر گېزىتتە خەۋەر قىلىنىشىچە، ئەسەدنىڭ كېلەچىكى توغرىسىدا ئامېرىكا بىلەن فىرانسىيە بۇرۇنقى گېپىدىن يېنىۋالغان. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېررىي «سۈرىيە ئۆكتىچىلىرى دائېشقا قارشى ئەسەد بىلەن ھەمكارلىق ئورناتسا بولىدۇ» دېگەن بولسا فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فابيۇس «ئەسەدنىڭ ھاكىمىيەتتىن كېتىشى شەرت ئەمەس» دېگەن.
سۈرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇشقا خاتىمە بېرىشكە چارە ئىزدەش خىزمەتلىرى ھەققىدە ئامېرىكا بىلەن فىرانسىيەنىڭ بەرگەن باياناتلىرى بەششار ئەسەدنىڭ كېلەچىكى توغرىسىدا كۈچلۈك غۇلغۇلىغا سەۋەب بولدى.
مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېررىي مۇنداق دېدى: «ئەسەدنىڭ كېلەچىلىكىنىڭ قانداق بولۇش مەسىلىسى تولۇق ئايدىڭلاشماي تۇرۇپ، قاچان ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق بىر نەرسە دېيىش مۇمكىن ئەمەس» دەپ جاۋاب بەردى. كېررىي بايانات بېرىپ بىر كۈندىن كېيىن فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فابيۇسمۇ كېررىيگە ئوخشاش بىر ئىبارىنى ئىشلەتتى. سۈرىيەدە ئىچكى ئۇرۇش ئاخىرلاشقان ھامان يولغا قويۇلۇشى پىلانلانغان سىياسىي ئۆتكۈنچى مەزگىل ھەققىدە توختالغان فابيۇس مۇنداق دېدى: «سۈرىيەدىكى ھەر قايسى گۇرۇپپىلارنىڭ بىرلىشىشى ئۈچۈن سىياسىي ئىسلاھات شەرت. بۇ ھەرگىزمۇ سىياسىي ئىسلاھاتتىن ئىلگىرى ئەسەدنىڭ ھاكىمىيەتتىن چۈشۈشى كېرەكلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. شۇڭا ھازىردىن باشلاپ تەدبىرلەرنى ئېلىش كېرەك.»


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر