تۈركىيە ئىراننى قاتتىق ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئىران دائىرلىرى ۋە ئىراندىكى بەزى ئاگېنتلىقلارنى ئەيىبلىدى.

401915
تۈركىيە ئىراننى قاتتىق ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىراننىڭ تۈركىيە ھەققىدە بەرگەن ئاساسسىز باياناتلىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى.
تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى تانجۇ بىلگىچ، بەزى ئىران خەۋەر ئاگېنتلىقلىرى بىلەن ئىرانلىق مەسئۇللارنىڭ تۈركىيە ۋە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ باياناتلىرى ھەققىدە ئىشلەتكەن سۆز-ئىبارىلىرىگە «تولىمۇ ھەيران قالغانلىقلىرىنى» بىلدۈردى.
بىلگىچ بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ ئىران پىرىزېدېنتى ھەسەن رۇھانىنىڭ تېلېفوندا كۆرۈشكەندە بايان قىلىپ ئۆتكەن بەزى خۇسۇسلارنىڭ ئارخىپ تەرىقىسىدىلا ئەمەس ئىران دائىرلىرىگىمۇ مەلۇملۇق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
بىلگىچ باياناتىدا «ئىككى رەھبەرنىڭ تېلېفوندا كۆرۈشمىگەنلىكىنى ياكى تېلېفوندا تىلغا ئېلىنغانلارنى قەستەن بۇرمىلاش، غەيرى ئەخلاقىي بولۇپلا قالماستىن، ھەقىقەتلەرنى قوشنا دۆلەت ئىران خەلقىدىن يوشۇرۇش بولىدۇ» دېگەن سۆز-ئىبارىلەرنى ئىشلەتتى.
باياناتچى بىلگىچ، تۈركىيەنىڭ رايوندا مەۋجۇت مەسىلىلەرنى تىنچ يوللار بىلەن ھەل قىلىش يولىدا پىرىنسىپلار ۋە خەلقئارادىكى تىرىشچانلىقلارغا ماس بولغان سىياسەتلەرنى يولغا قويۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتتى.
بىلگىچ دەمەشىق ھاكىمىيىتى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىپ كىرزىسنىڭ كەسكىنلىشىپ كېتىشىگە سەۋەب بولغان دۆلەتلەرنىڭ، تۈركىيەنى تېررورىزم بىلەن ئەيىبلەش قىلمىشلىرىنىڭ تولىمۇ يەڭگىلتەكلىك ھېسابلىنىدىغانلىقنى بىلدۈردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر