فىرانسىيە بىلەن ئەنگلىيە دائېشقا قارشى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىدىكەن

فىرانسىيە بىلەن ئەنگلىيە دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى قارار قىلدى.

401771
فىرانسىيە بىلەن ئەنگلىيە دائېشقا قارشى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىدىكەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئېلىيسې سارىيى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، فىرانسىيە پىرېزىدېنتى فرانسۇا ئولاندنىڭ ئەنگلىيە باش مىنىستىرى دېيۋىد كەمېرونغا تېلېفون قىلىپ، ئەنگلىيەنىڭ دائېشنىڭ سۈرىيەدىكى نىشانلىرىغا قارشى ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشقا باشلىغانلىقى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتقانلىقى قەيت قىلىندى.

ئىككى رەھبەرنىڭ دائېشقا قارشى كۈرەشتىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ۋە ئۇچۇر – ئاخبارات ئالماشتۇرۇش جەھەتتىمۇ بىردەكلىك ھاسىل قىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

فىرانسىيە، 13- نويابىردا مەيدانغا كېلىپ 130 ئادەمنىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان پارىژىكى دائېش ھۇجۇملىرىدىن كېيىن دائېشقا قارشى ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى كۈچەيتكەن ۋە باشقا ئىتتىپاقداشلىرىنىمۇ دائېشنىڭ بولۇپمۇ سۈرىيەدىكى نىشانلىرىنى بومباردىمان قىلىشقا چاقىرغانىدى.

ئەنگلىيە ئىككى كۈن ئىلگىرى دائېشنىڭ سۈرىيەدىكى نىشانلىرىغا قارشى ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشنى باشلىغان، گېرمانىيەمۇ سۈرىيەگە ئەسكەر ئەۋەتىشكە مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت ئىجازەتنامىسىنى ماقۇللىغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر