پىرېزىدېنت گراژدانلىقتىن چىقىرىۋېتىلدى

گىرۇزىيەنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى مىخائىل سائاكاشۋىلى گراژدانلىقتىن چىقىرىۋېتىلدى.

401112
 پىرېزىدېنت گراژدانلىقتىن چىقىرىۋېتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گىرۇزىيە پىرېزىدېنت مەھكىمىسى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، باشقا دۆلەتنىڭ گراژدانلىقىغا ئۆتكەنلىكى ئۈچۈن، سابىق پىرېزىدېنت مىخائىل سائاكاشۋىلىنىڭ گىرۇزىيە گراژدانلىقىدىن چىقىرىۋېتىلگەنلىكى، بۇ ھەقتىكى قارارنامىنىڭ گىرۇزىيە پىرېزىدېنتى گىئورگى مارگۋېلاشۋىلى تەرىپىدىن ئىمزالانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
مىخائىل سائاكاشۋىلى بۇ قارارغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئۇكرائىنا گراژدانلىقىغا ئۆتكەنلىكىدىن ئۆزىنى تولىمۇ بەختلىك ھېس قىلىدىغانلىقىنى، شۇڭا بۇ قارارغا ئېتىراز بىلدۈرمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.
سائاكاشۋىلى، «ئەمما ھامىنى بىر كۈنى گراژدانلىقىمنى چوقۇم قايتۇرۇۋالىمەن» دېدى.
2003 – 2004 – يىللىرى گىرۇزىيەنىڭ پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن سائاكاشۋىلى، 2013 – يىلى ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا يېڭىلىپ قېلىپ، ۋەزىپىسىنى مارگۋېلاشۋىلىغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەنىدى.
سائاكاشۋىلى، بۇ يىل مايدا ئۇكرائىنا گراژدانلىقىغا ئۆتكەن ۋە ئودېسسا ۋىلايىتىنىڭ ۋالىيلىقىغا تەيىنلەنگەنىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر