«ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە سۈرىيەنى ئاللىقاچان بۆلۈشۈۋالغان»

ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە رۇسىيە رەھبەرلىرى سۈرىيەنى بۆلۈشۈۋالغان.

400378
«ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە سۈرىيەنى ئاللىقاچان بۆلۈشۈۋالغان»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىر داۋۇتئوغلۇنىڭ باش مەسلىھەتچىسى ئابدۇلقادىر ئۆزكان، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە رۇسىيە رەھبەرلىرى ئىشتىراك قىلغان كونفېرانسلاردا دۇنيانىڭ بۇ دۆلەتلەر تەرىپىدىن نوپۇز ساھەلىرى سۈپىتىدە تەقسىم قىلىنغانلىقىنى، شۇندىن تارتىپ ھازىرغىچە بۇنىڭدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىغانلىقىنى ئېيتتى. بۈگۈنمۇ رۇسىيەنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى بولغان پ ي د نىڭ ھاۋا كۈچىدەكلا ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى، پ ي د نىڭ ھەربىي قانىتىنى بولسا ئامېرىكا ئالاھىدە قىسىملىرىنىڭ تەربىيەلىگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ئۆزكان، ‹ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداش كۈچلىرىنىڭ رۇسىيە بىلەن ئورتاق ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى ناھايىتى روشەن ھالدا كۆرۈۋاتىمىز› دېدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر