رۇس ئايروپىلانلىرى نۇرغۇن يۈك ماشىنىلىرىنى پاچاقلاپ تاشلىدى
رۇس ئايروپىلانلىرى سۈرىيەنىڭ ھالەپ شەھىرىگە قاراشلىق ئەزىز ناھىيەسىدە يۈك ماشىنىلىرىنى بومباردىمان قىلدى.
395570
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەنىڭ ھالەپ شەھىرىگە قاراشلىق ئەزىز ناھىيەسىگە يېقىن جايدا ياردەم بۇيۇملىرى ئېلىپ ماڭغان يۈك ماشىنىلىرىنىڭ رۇس ئايروپىلانلىرى تەرىپىدىن بومباردىمان قىلىنىشى نەتىجىسىدە 6 ئادەم ئۆلدى، 20 ئادەم يارىلاندى.
ئىگىلىنىشىچە، رۇس ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ياردەم بۇيۇملىرى توشۇشتا ئىشلىتىلىدىغان ۋە ئەزىز ناھىيەسىگە 5 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى بىر جايغا توختىتىپ قويۇلغان يۈك ماشىنىلىرىنى بومبىاردىمان قىلغان.
ھۇجۇمدا دەسلەپتە 4 ئادەم ئۆلگەن، 20 ئادەم يارىلانغان. كىلىسكە ئېلىپ كېلىنگەن 13 يارىدارلاردىن 2سى ھاياتىدىن ئايرىلدى. ۋەقەدە 10 يۈك ماشىنىسى كۆيۈپ كۈلگە ئايلاندى.