ئولاند گېرمانىيەنى دائېشقا قارشى كۈرەشتە ئاكتىپ بولۇشقا چاقىردى

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى فرانسۇا ئولاند گېرمانىيە دائېشقا قارشى كۈرەشتە تېخىمۇ پائال بولۇشىنى تەلەپ قىلدى.

422454
ئولاند گېرمانىيەنى دائېشقا قارشى كۈرەشتە ئاكتىپ بولۇشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە پىرېزىدېنتى فرانسۇا ئولاند گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل بىلەن تۈنۈگۈن كەچتە ئېلىسې سارىيىدىكى كەچلىك زىياپەتتىن ئىلگىرى قوشما بايانات بەردى. ئولاند پەقەت فىرانسىيە، گېرمانىيە ياكى ياۋروپادا چارە – تەدبىرلەرنى يولغا قويۇش بىلەنلا تېررورىزمغا قارشى كۈرەش قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى، بۇلار بىلەن بىرلىكتە دائېشقا قارشى ئىراق ۋە سۈرىيەدىمۇ ھەرىكەتكە ئۆتۈش كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

ئولاند گېرمانىيەنىڭ ھەم ئىراق ھەم سۈرىيەدىكى دائېشقا قارشى كۈرەشتە تېخىمۇ پائال رول ئوينىشىنى تەلەپ قىلدى.

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېلمۇ پارىژدىكى ھۇجۇملارنىڭ يالغۇز فىرانسىيەگىلا قىلىنمىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئوخشاشلا ياۋروپانى ۋە دېموكراتىك قىممەت – قاراشلارنى نىشانغا ئالغانلىقىنى قەيت قىلغان ھالدا، «بىز فىرانسىيە تەرەپدارىمىز. تېزدىن ھەرىكەتكە ئۆتىمىز» دېگەنلەرنى ئەسكەرتتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر