«ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى ھەرىكىتىنى قوللايمىز»

ياپونىيە مۇداپىئە ۋەزىرى گېن ناكاتانى تۈنۈگۈن (سەيشەنبە) بايانات بېرىپ، دۆلىتىنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى ھەرىكەتلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

368421
«ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى ھەرىكىتىنى قوللايمىز»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە مۇداپىئە ۋەزىرى گېن ناكاتانى تۈنۈگۈن (سەيشەنبە) بايانات بېرىپ، دۆلىتىنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ خىتاي تەرىپىدىن جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىغا بەرپا قىلىنغان سۈنئىي ئاراللارغا يېقىن يەرلەردىن ئۇرۇش پاراخوتلىرىنى ئۆتكۈزۈشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ياپونىيە مۇداپىئە ۋەزىرى گېن ھاۋايدا ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدارىلىرى بىلەن كۆرۈشتى؛ ئۇ ناكاتانى ئامېرىكىنىڭ تىنچ ئوكياندىكى قىسىملىرىنىڭ قوماندانى ھارى ھارىس بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن بايانات بېرىپ، ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى ئوچۇق دېڭىزنى ھىمايە قىلىشتا خەلقئارا جەمئىيەتكە باشلامچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى ۋە ياپونىيەنىڭ ئامېرىكىنىڭ ھەرىكىتىنى قوللايدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «خەلقئارا جەمئىيەت مەۋجۇت ئەھۋالغا بىرلا تەرەپنىڭ كۈچ ئارقىلىق ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشىگە يول قويمايدۇ، دۆلىتىمىز مۇشۇنداق قارايدۇ. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىمۇ مۇشۇنداق ئويلايدۇ ۋە بىز بۇ مەسىلىدە ھەمپىكىرمىز.»

ياپونىيە مۇداپىئە ۋەزىرى گېن ناكاتانى سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، دۆلىتىنىڭ رايون دۆلەتلىرىنىڭ دېڭىز ئارمىيەلىرىنى كۈچلەندۈرۈشىگە ياردەم قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى. ياپونىيە فىلىپپىن دېڭىز ئارمىيەسىگە 10 دانە چارلاش پاراخوتى بەرگەنىدى.

گېن ناكاتانى يەنە، «جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىنىڭ بارلىق رايونلىرىدا دۆلەتنىڭ قۇدرىتىنى يارىتىشقا ھەمدەم بولىدىغان ئىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايوننىڭ مۇقىملىقىغا پايدىلىق پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ ئىشىتراك قىلىمىز ۋە ياپونىيە – ئامېرىكا ئارمىيەلىرى بىرلەشمە مانىۋېرلارنى ئۆتكۈزىمىز.» دېدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر