فىرانسىيە دائېشقا قارشى كۈرەشنى خەلقئارالاشتۇرۇشقا تىرىشماقتا

فىرانسىيە پارىژدىكى 130 كىشىنىڭ جېنىغا زامېن بولغان تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنىڭ تەسىرىنى يوقىتىشقا تىرىشىۋاتقان بىر پەيتتە، فىرانسىيە پىرېزىدېنتى فرانسۇئا ئولاند تېررورىزمغا قارشى كۈرەشنى خەلقئارالىق سەۋىيەدە تېخىمۇ كۆپ كەڭ قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن ناھايىتى زور تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە.

421424
 فىرانسىيە دائېشقا قارشى كۈرەشنى خەلقئارالاشتۇرۇشقا تىرىشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  تۈنۈگۈن ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى دەيۋىد كېمىرىن بىلەن پارىژدا بىر يەرگە جەم بولغان ئولاند، بۈگۈن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا زىيارەتتە بولىدۇ.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى باراك ئوباما بىلەن كۆرۈشىدىغان ئولاندنىڭ كۈنتەرتىپىنى پارىژ ھۇجۇملىرىنى ئېلىپ بارغان دائېشقا قارشى خەلقئارالىق كۈرەش ۋە سۈرىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى تەشكىل قىلىدۇ.
ئولاندنىڭ كېيىنكى بېكىتى موسكۋا بولىدۇ. ئولاند پەيشەنبە كۈنى رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن كۆرۈشىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر