ئامېرىكا سۈرىيەگە ئالاھىدە قىسىم ئەۋەتىدۇ

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دائېشقا زەربە بېرىش ئۈچۈن سۈرىيەگە ئالاھىدە قىسىم ئەۋەتىدۇ.

421213
ئامېرىكا سۈرىيەگە ئالاھىدە قىسىم ئەۋەتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دائېشقا زەربە بېرىش مەقسىتىدە سۈرىيەگە ئالاھىدە قىسىم ئەۋەتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىتتىپاقداش قىسىملارنىڭ ۋەكىلى بىرېت ماگۇرك ئالاھىدە قىسىملارنىڭ يېقىندا يولغا چىقىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئامېرىكىدىكى CBSتېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ماگۇرك، شىمالىي سۈرىيەدە ۋەزىپە ئۆتەيدىغان ئالاھىدە قىسىملارنىڭ دائېشقا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان يەرلىك كۈچلەر بىلەن بىرلىكتە راككا ھەرىكىتىنىڭ پىلانىنى تۈزىدىغانلىقىنى ئىپادە قىلدى.
بىرىنچى نىشانىنىڭ راككانى سۈرىيە ۋە ئىراقتىن ۋاقتىنچە ئايرىپ چىقىش ئىكەنلىكىنىمۇ ئېيتقان ماگۇرك، ئالاھىدە قىسىملارنىڭ سۈرىيەدىكى قايسى گۇرۇپپىلارنى قوللايدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بەرمىدى.
فىرانسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقىAFP ، ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ ئەرەب، سۈريانى ۋە ي پ گ كۈچلىرى بولغان سۈرىيە دېموكراتىك كۈچلىرى بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.
سۈرىيە بىلەن ئىراقتا كېيىنكى ئىككى ھەپتە ئىچىدە ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ مۇۋپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئوبامانىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى ماگۇرك، سۈرىيەدە ئەل ھاۋلە، ئىراقتا بولسا شەنگال ھەربىي ھەرىكەتلىرى بىلەن جەمئىي 535 كۇۋادرات كىلومېتىر كۇۋادىرات يەرنىڭ دائېشنىڭ چاڭگىلىدىن قايتۇرۇپ ئېلىنىدىغانلىقىنى ۋە 300 ئەتراپىدا تېررورچىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
سۈرىيە دېموكراتىك كۈچلەرنىڭ دائېشقا قارشى ئېلىپ بارىدىغان ھەربىي ھەرىكەتلىرىگە ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش قىسىملارنىڭ ياردەم بېرىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر