ئامېرىكا دائېش رەھبىرىنىڭ بېشىغا 5 مىليون دوللار مۇكاپات قويدى

ئامېرىكا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش رەھبەرلىرىدىن ئەبۇ مۇھەممەد ئەششىمالىنىڭ قولغا چۈشۈرۈلۈشىگە ياردەم بەرگەنلەرگە 5 مىليون دوللار مۇكاپات بېرلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

418906
ئامېرىكا دائېش رەھبىرىنىڭ بېشىغا 5 مىليون دوللار مۇكاپات قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، چەت ئەللىك جىھادچىلارنى سۈرىيەگە توپلاشتا مۇھىم رول ئوينىغان ئەبۇ مۇھەممەد ئەششىمالىنىڭ 2005 – يىلدىن بېرى ئالدى بىلەن ئەلقائىدە، ئارقىدىن دائېش ئۈچۈن خىزمەت ئىشلىگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
باياناتتا، ئەبۇ مۇھەممەد ئەششىمالىنىڭ مۇساپىرلار ۋە ئارقا سەپ خىزمىتى ئەترەتلىرىگە رەھبەرلىك قىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق دىپلوماتىك بىخەتەرلىك ئىشخانىسى «ئادالەت ئۈچۈن مۇكاپات» پىروگراممىسى دائىرىسىدە 1984 – يىلدىن تارتىپ ھازىرغىچە 80 كىشى ئۈچۈن 125 مىليون دوللار ئاجراتتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر