پارىژدا فىرانسىيە ساقچىلىرى بىلەن دائېش توقۇنۇشماقتا

پارىژدىكى تېررورلۇق ھۇجۇملىرىدىن كېيىن فىرانسىيە ساقچىلىرىنىڭ تېررورىستلارنى تېپىش ئۈچۈن كەڭ كۆلەملىك ئاختۇرۇش ئېلىپ بارماقتا.

367055
پارىژدا فىرانسىيە ساقچىلىرى بىلەن دائېش توقۇنۇشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇ دائىرىدە شەھەرنىڭ شىمالىدىكى سېن دۆنى رايونىدا ئەتىگەن تەرەپلەردە ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەر جەريانىدا توقۇنۇش يۈز بەردى.
فىرانسىيە تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھەربىي ھەرىكەت جەريانىدا بىرى ئايال 2 گۇمانلىق ئۇنسۇر ئۆلتۈرۈلگەن، 7 سى تۇتۇلغان، 5 ساقچى يارىلانغان.
فىرانسىيە تەرەپ ئۆلگەنلەرنىڭ كىملىكى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى، بىراق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ قارىشىچە، ئۆلگەنلەرنىڭ پارىژدىكى تېررورلۇق ھۇجۇملىرى بىلەن بىۋاسىتە چېتىشلىقى بولۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرى ئىكەن.
AFP ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىككى كىشىدىن بىرى توقۇنۇش جەريانىدا، گۇمانلىق ئايال بولسا ئۈستىگە تېڭىۋالغان بومبىنى پارتلىتىشى نەتىجىسىدە ئۆلگەن.
ھەربىي ھەرىكەتلەردىن كېيىن فىرانسىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى بېرنارد كازنۆۋ بىلەن بىرلىكتە نەق مەيداندا تەكشۈرۈشلەردە بولغان باش تەپتىش فرانسۇئا موللېن ھەربىي ھەرىكەتلەر ھەققىدە مەلۇمات بەردى ھەمدە تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنىڭ باش پىلانلىغۇچىسى ئابدۇلھەمىد ئابائۇدنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ تېخىچە ئېنىق ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.
فىرانسىيە ساقچىلىرى ھەربىي ھەرىكەتلەر ئېلىپ بېرىلغان بىناغا يېقىن بىر چېركاۋنىمۇ ئاختۇردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر