بۇنىڭدىن كېيىن كۆچمەنلەرنىڭ ئامېرىكا كىرىشى قىيىنلىشىدۇ

ۋاشىنگىتون كۆچمەنلەرنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشىنى قىيىنلاشتۇردى.

419459
بۇنىڭدىن كېيىن كۆچمەنلەرنىڭ ئامېرىكا كىرىشى قىيىنلىشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىككى قانۇن چىقىرىش ئورگىنىدىن بىرى بولغان ئاۋام پالاتاسى سۈرىيەلىك ۋە ئىراقلىق كۆچمەنلەرنىڭ قوبۇل قىلىشنى قىيىنلاشتۇرىدىغان قانۇن تەكلىپىنى ماقۇللىدى.
جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى پالاتا ئەزالىرى تەرىپىدىن بېرىلگەن قانۇن تەكلىپى 137 گە قارشى 289 ئاۋاز بىلەن قوبۇل قىلىندى. قانۇن تەكلىپى كېلەر يىلى ئامېرىكىغا قوبۇل قىلىنىشى پىلانلىنىۋاتقان 10 مىڭ سۈرىيەلىك كۆچمەندىن سىرت يەنە، ئىراقلىق كۆچمەنلەرنىڭمۇ ئامېرىكىغا كىرىش مۇساپىسىنى قىيىنلاشتۇرۇشنى نيىشان قىلىدۇ. ئوباما ھۆكۈمىتى سۈرىيەلىك ۋە ئىراقلىق كۆچمەنلەرنى قوبۇل قىلىشتا قوشۇمچە بىخەتەرلىك رەسمىيەتلەر شەرتى قوشۇلغان قانۇن تەكلىپىگە قارشى چىقماقتا. بىراق پالاتا ئەزالىرىنىڭ ئۈچتىن ئىككىسىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن قانۇن تەكلىپى ھازىرچە پىرېزىدېنت باراك ئوبامانىڭ ۋېتو قىلىش چەكلىمىسىدىن ھالقىپ كەتكەن.
قانۇن تەكلىپىنىڭ بۇنداق كۆپ سانلىق پالاتا ئەزالىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشىدە ئۆتكەن ھەپتە پارىژدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇملىرى تەسىر كۆرسەتكەن دەپ قارالماقتا.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر