يەمەندىكى ئىچكى ئۇرۇشتا 65 ئادەم ئۆلدى

يەمەندە ھۇسىلەر بىلەن پىرىزېدېنت مەنسۇر ھادى توقۇنۇشۇپ 65 ئادەم ئۆلدى.

418142
يەمەندىكى ئىچكى ئۇرۇشتا 65 ئادەم ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھۇسىلەر بىلەن پىرىزېدېنت ئابدۇرابۇ مەنسۇر ھادىنىڭ قوللىغۇچىلىرى بولغان خەلق قارشىلىق كۈچلىرى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلار يەمەندىكى چوڭ شەھەرلەردىن بولغان تايىزغا مەركەزلەشتى.
توقۇنۇشلاردا ھۇسىلەردىن 35، ھادى قوللىغۇچىلىرىدىن 30 كىشى ئۆلدى. شەھەر ئەتراپىدىكى ئىستىراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بەزى تۆپىلىكلەرنى قولغا كىرگۈزگەن ھادى تەرەپدارلىرى، ھۇسىلەر تەرىپىدىن بازا سۈپىتىدە ئىشلىتىلىۋاتقان تايىز ئۇنىۋېرسىتېتىغا قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە.
ئالىي مەكتەپ ئەتراپىنى بومباردىمان قىلغان سەئۇدى ئەرەبىستان ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىمۇ ھادى قىسىملىرىغا ياردەم قىلىپ كەلمەكتە. شەھەرنىڭ غەربىدىكى مەۋزا ناھىيەسىنى بومباردىمان قىلغان ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى، ھۇسىلەرنى ئېلىپ ماڭغان بىر ئاپتوموبىلنى ۋەيران قىلدى. بۇ ئارىلىقتا، سەئۇدى ئەرەبىستاندا تۇرۇۋاتقان ھادى دۆلىتى يەمەنگە قايتتى.
يەمەن پىرىزېدېنتلىق ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھادى ۋە ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەت سەئۇدى ئەرەبىستانغا تەۋە بىر ئايروپىلان بىلەن رىياد شەھىرىدىن قوزغىلىپ ۋاقىتلىق پايتەخت ئېلان قىلىنغان ئادېنغا ماڭغان.
ھادى ھۇسىلەرنىڭ پايتەخت سەنئانى قولغا كىرگۈزۈشىدىن كېيىن سەئۇدى ئەرەبىستاندىن پاناھلىق تىلىگەنىدى. بۇنىڭدىن باشقا تىنچلىق ئۈمىدلىرى چاقناشقا باشلىدى. ھۇسىلەر جەنۋە مۇزاكىرىلىرىگە قاتنىشىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ھۇسىلەرگە تەۋە بىر گېزىت ھۇسىلەرنىڭ قارارىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا يەتكۈزگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.
تەرەپلەرنىڭ ئۆكتەبىر ئېيىنىڭ ئاخىرىدا شىۋېتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە قايتىدىن باشلىنىشى پىلانلانغان تىنچلىق سۆھبەتلىرى توختىتىپ قويۇلغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر