ئوباما بىلەن سەلمان دائېش توغرىسىدا سۆزلەشتى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى باراك ئوباما بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سەلمان بىن ئابدۇلئەزىز دائېشقا قارشى كۈرەشنى كۈچەيتىشنى قارار قىلدى.

366378
ئوباما بىلەن سەلمان دائېش توغرىسىدا سۆزلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىرېزىدېنت ئوباما بىلەن پادىشاھ سەلمان تۈركىيەنىڭ ساھىبخانلىقىدا چاقىرىلغان 20 دۆلەت گۇرۇھى ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنى دائىرىسىدە ئايرىم ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى.

ئاق سارايدىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، ئىككى رەھبەر پارىژدىكى تېررورلۇق ھۇجۇملىرىدىن كېيىن دائېشنى مەغلۇپ قىلىش يولىدىكى تىرىشچانلىقلارنى كۈچەيتىش جەھەتتە بىردەكلىك ھاسىل قىلغان.

ئۇچرىشىشتا يەنە، ئوباما بىلەن سەلمان سۈرىيەدە ئۇرۇش توختىتىش يولى ئارقىلىق ئۈزۈل – كېسىل ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىش ۋە بۇنىڭغا پاراللېل ھالدا سىياسىي ئۆتۈش مۇساپىسىنىڭ باشلىنىشى توغرىسىدىكى پىكىرلىرىنى بايان قىلغان شۇنداقلا ۋىيېننا يىغىنىنىڭ نەتىجىسىدىن مەمنۇن بولغانلىقلىرىنى ئىپادىلەشكەن.

سۈرىيەلىك مۆتىدىل ئۆكتىچىلەرنى ئالاھىدە قوللاشنىڭ مۇھىملىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىگەن ئىككى رەھبەر، ئۆكتىچىلەرنىڭ كېلەچەكتىكى تىنچلىق ئورنىتىش تىرىشچانلىقلىرىغا قوشىدىغان تۆھپىلىرى ئۈستىدىمۇ مۇھاكىمە ئېلىپ باردى.

بۇنىڭ بىلەن بىرگە، قانداق قىلغاندا ئىراق ھۆكۈمىتىنىڭ دائېشقا قارشى كۈرىشىگە ئەڭ ياخشى شەكىلدە ياردەم قىلغىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدىمۇ ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرغان ئوباما بىلەن سەلمان، يەمەندىكى توقۇنۇشلارغا خاتىمە بېرىشكە مۇناسىۋەتلىك ئىنسانىي مەسىلىلەر ھەققىدىمۇ سۆزلەشتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر