مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى ئەزالىرى تۇرمىغا تاشلانماقتا

مىسىردا مۇسۇلمان قېرىنداش تەشكىلاتىنىڭ 18 ئەزاسى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش بىلەن ئەيىبلىنىپ قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.

417747
مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى ئەزالىرى تۇرمىغا تاشلانماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىردا ھاكىمىيەتكە قارشى چىقىش بىلەن ئەيىبلەنگەن مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنىڭ 18 ئەزاسى «تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش» بىلەن ئەيىبلىنىپ 10 يىلدىن 18 يىلغىچە مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.
سوت مەھكىمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەنسۇرا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىدە ئېچىلغان سوتتا مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىغا تەۋە 23 كىشى «تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش، جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزۇش، قورال ئېلىپ يۈرۈش، خۇسۇسىيلار ۋە دۆلەت ماللىرىغا ھۇجۇم قىلىش» قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلىنىپ سوتلاندى.
سوتتا 14ى ئايال بولۇپ جەمئىي 18 ئادەم مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان بولسا، 5 ئادەم قويۇپ بېرىلدى. «جىنايەتچىلەر»نىڭ ئالىي سوتقا ئەرز قىلىش ھوقۇقى بارلىقى بىلدۈرۈلدى.
خەلق تەرىپىدىن سايلانغان پىرىزېدېنت مۇھەممەد مۇرسىنىڭ 2013-يىلى 3-ئىيۇلدا ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش نەتىجىسىدە ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىشىدىن بۇيان، مىسىر ھاكىمىيىتى ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىشكە قارشى چىققۇچىلارنى بولۇپمۇ مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى ئەزالىرىنى «زوراۋانلىق ۋە تېررورىزمغا كۈشكۈرتۈش بىلەن» ئەيىبلەپ كەلمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر