خىتاي بىلەن ئامېرىكا سىبەر ساھەسىدە ھەمكارلىشىدىغان بولدى

خىتاي بىلەن ئامېرىكا سىبەر جىنايەتلەرگە قارشى كۈرەشلەردە ھەمكارلىشىدىغان بولدى.

417606
خىتاي بىلەن ئامېرىكا سىبەر ساھەسىدە ھەمكارلىشىدىغان بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي بىلەن ئامېرىكا سىبەر جىنايەتلەرگە قارشى كۈرەشلەردە ئورتاق دىئالوگ مېخانىزمىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن تەييارلىق خىزمەتلىرىنى باشلىۋەتتى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى مۇئاۋىن مىنىستىرى چىن جىمىن، ئامېرىكا ئىچكى بىخەتەرلىك ئىشلىرىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ئالېجاندرو مايوركاس بىلەن كۆرۈشكەن.
جىمىن بىلەن مايوركاس ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا يۇقىرى سەۋىيەلىك ئورتاق دىئالوگ مېخانىزمىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن تەييارلىق خىزمەتلىرى باشلاشتا ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرغان.
كۆرۈشۈشتە، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ سېنتەبىردە ئامېرىكىنى زىيارەتتە قىلغاندا سىبەر جىنايەتكە قارشى كۈرەشتە پىكىر بىردەكلىكى ھاسىل قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈپ، بۇ ساھەدە تېخىمۇ ئاكتىپ ھەرىكەت قىلىش كېرەكلىكى تەكىتلەندى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر