كۆچمەن يەھۇدىيلار يەنە بىرقېتىم مەسجىدى ئەقسانىڭ ھويلىسىغا كىردى

بىر گۇرۇپا يەھۇدىي كۆچمەن ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ مۇھاپىزەت قىلىشى ئاستىدا مەجبۇرىي يۇسۇندا مەسجىدى ئەقسانىڭ ھويلىسىغا كىردى.

417376
كۆچمەن يەھۇدىيلار يەنە بىرقېتىم مەسجىدى ئەقسانىڭ ھويلىسىغا كىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەسجىدى ئەقسا مۇھاپىزەتچىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 40 كىشىلىك يەھۇدىي كۆچمەنلەر گۇرۇپپىسىنىڭ مەسجىدى ئەقسانىڭ ‹مەغارىبە› دەرۋازىسى ئارقىلىق مەسجىدنىڭ ھويلىسىغا كىرىشى سۈركىلىش پەيدا قىلغان.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ئىيوردانىيە دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىنىڭ ئوخشاش بولمىغان شەھەرلىرىدە ‹ۋەقەلەرگە ئارىلاشقان› لىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ 22 پەلەستىنلىكنى نازارەت ئاستىغا ئالدى.

ئىيوردانىيە دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى، قۇددۇس ۋە غەززە خېلىدىن بۇيان يەھۇدىي كۆچمەنلەرنىڭ مەسجىدى ئەقساغا باستۇرۇپ كىرىشى ۋە يەھۇدىيلارنىڭ ھۆرمەتسىزلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن پەلەستىنلىكلەر بىلەن ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ئارىسىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرگە سەھنە بولماقتا.

ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى كېچىلىرى ئىشغال ئاستىدىكى غەربىي قىرغاق بىلەن شەرقىي قۇددۇستا پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆي – ماكانلىرىغا باستۇرۇپ كىرىپ، ھەر خىل ئەيىبلەشلەر ئاستىدا كىشىلەرنى تۇتقۇن قىلىپ كەلمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر